1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تونۇغان ئىدى.
شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. بۇ بۆلۈمدە 4 كافېدرا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر-ئۆزبەك تىلى كافېدراسى. 1991-يىلىدىن بېرى بۇ كافېدراغا ھەر يىلى 16 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنماقتا.
بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىنى سىستېمىلىق ھالدا ئۆگەنگەندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى، سالارچە ۋە سېرىق ئۇيغۇرچە قاتارلىق دەرسلەرنىمۇ ئوقۇماقتا.
ئۇيغۇر تىلى كەسپىنىڭ 5-قارار ئوقۇغۇچىلىرى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇراسىم بىلەن دىپلوملىرىنى ئالدى. مۇراسىمدا بىز بۇ بۆلۈمنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئەزەل ئاسەنا تۈركان خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.