بۇ ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇتخان كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق مەسئۇللار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندىگە 'ھۆر شەرقىي تۈركسىتان' نامى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرغان يىغىن ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.
بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەريانىدا ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ بىرىنچى مەقسىتىمىز، خىتاي نوپۇسىغا قارشى ئىسلام بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، بىز تۈركلەر بىلەن، ئەرەبلەر بىلەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ھىندونېزىيە بىلەن ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشپ، خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك، تۈركىيە بۇنى قىلالايدۇ، خىتاينىڭ تۈركىيىدىن قورقۇدىغان ئاجىزلىقى، تۈركىيىنىڭ ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىشتۇر."
بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: "بىز پەلەستىنگە بارغاندا، مەن غەززە شەھىرىدە كىشىلەرگە سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلاتتىم، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ پەلەستىندىكى زۇلۇمدىن تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتىم ئۇ يەردىكى كىشىلەردىن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلغانلار بولدى، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى، دېمەك بىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ كۆپرەك ئاڭلىتىشىمىز كېرەك."
سۆھبەت ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندىگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا تۆھپە قوشقان خىزمىتى ئۈچۈن تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نامىدا شەرەپ تەقدىرنامىسى تەقدىم قىلدى.
تەقدىرنامىگە، تۈرك تىلىدا ' ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك بۈلەنت يىلدىرىم، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىدا داۋاملىق مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نامىدا تەشەككۈر ئېيتىمىز ۋە تەقدىرلەيمىز، ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى' دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇلارنى يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ھەيئەت بولۇپ 2 قېتىم زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن سىيىت تۈمتۈرك ۋە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.