خابەر تۈرك تېلېۋىزىيىسى `ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى باشلاندى` تېمىسىدا، ن ت ۋ ۋە ت ر ت تۈرك تېلېۋىزىيىلىرى `ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى` تېمىلىرىدا خەۋەر قىلدى. بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئۇلار بىردەك، خىتايلارنىڭ 60 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قانۇنسىز ئۆلۈم جازاسى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتىشتى. بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىش قارارى ئالغان. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىپ، ئىستانبۇلدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى بۇ نامايىشقا قاتنىشىشقا چاقىردى.
ھەممىمىزگە مەلۇم 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقتىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاتقان ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى ئادىل سوتلاشقا چاقىرغان ئىدى. بۇ ئۆلۈم جازالىرىغا قارشى تۈركىيە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور دوكتور ئەھەد ئاندىجان ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ئەھەد ئاندىجان ئەپەندى دۆلەتلەرنىڭ خىتايلارنىڭ قانۇنسىز ئۆلۈم جازالىرىغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىدا ھەمدە خىتايدىكى ئاپتونوم رايونلاردا مەيدانغا كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە دۈنيا دۆلەتلىرى تازا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىمۇ بۇ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان بولدى. خىتايلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بېسىم سىياسىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق دۈنياغا ۋە پۇقرالىرىغا مەن بۇنداق ئىشلارغا رۇخسەت بەرمەيمەن، ئەگەر بۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار، ئاقىۋىتىڭلار ئۆلۈم بولىدۇ دەپ سىگنال بېرىۋاتىدۇ."
سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەھەد ئاندىجان ئەپەندى تۈركىيىنىڭ خىتايدىكى ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، ياۋرۇپا بىرلىكى پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "مەن ئەينى ۋاقىتتىكى باياناتلىرىمدا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاتقان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى دېگەن ئىدىم. چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلار باش مىنىستىر بۇندىن كېيىن بۇ مەسىلىنى خەلقئاراغا ئېلىپ چىقىدۇ دەپ ئويلىدى. مەن پېشقەدەم سىياسەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باش مىنىستىر دېگەن گەپلەرنىڭ سايلامدا ئاۋاز ئېلىش ئۈچۈن ئۆز خەلقىغە دېگەن گەپ دەپ ئويلايمەن. ھۈكۈمەتنىڭ بۇ دېگەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە بۇ مەسىلىنى خەلقئاراغا يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇشى لازىم دەپ ئويلايمەن. ئەمما بۇ ھۈكۈمەت ئۇنداق قىلمايدۇ."
بىز ئاخىرىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.