ئىلگىرى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدە كۆپ قېتىم ياتقان بىرەيلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزىگە ئوخشاش سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە يېتىپ چىققانلارنىڭ قاتمۇ-قات نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز ھوشۇر خىزمەت دوكلاتى بەرگەن.
ئۇ سۆزىدە، 2004- يىلدىن 2010- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەردىن 38 مىڭ 250 كىشىگە قارىتا داۋاملىق تەربىيىلەش، نازارەت قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك 40مىڭدىن كۆپ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىنىپ، 30 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ ئۇچۇرى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگۈچى ئۆزى شۇ مەھەللە ياكى شۇ يەرلىك ساقچىخانا بىلەن توختام ئىمزالاپ، قايتا جىنايەت سادىر قىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغاندىن باشقا، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگۈچىنىڭ ئائىلىسى ھەم يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ مەخسۇس توختام تۈزۈلگەنلىكىنى، مۇشۇنداق قاتمۇ-قات ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللانغانلىقتىن، بۇلتۇر ھەم بۇ يىل تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قائىدە-نىزاملارغا رىئايە قىلىش نىسبىتى 97.5% تىن 98.5% كە قەدەر بولغانلىقىنى دوكلات قىلغان.
ئىلگىرى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي تۈرمىسىدە بىر قانچە قېتىم يېتىپ چىققان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىشى جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، شۇ يەرلىك ساقچىخانا ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا قارىتىلغان نازارەتنى زادىلا بوشاشتۇرمىغان. ئۇنىڭ باشقا شەھەرلەرگە ھەرقانداق باھانە بىلەن بېرىشى چەكلىنىپلا قالماستىن، ھەتتا ئۆز يېزىسىدىن شەھەرگە كىرىشىمۇ چەكلەنگەن ئىكەن.
بۇ كىشى يەنە نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە يېتىپ چىققانلارنى قاتتىق نازارەت قىلىشى ھەم پۇقرالارغا بېرىدىغان تۈرلۈك نامدىكى ئىقتىسادىي ياردەملەردە، بۇ خىل كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش شەرتىنى ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقىنى ئۈچۈن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە ياتقانلاردىن ئۆزىنى ئەپ قېچىش ئەھۋاللىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتايدا پەقەتلا ئۇيغۇر رايونىدىلا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان « تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى داۋاملىق نازارەت قىلىش» دەپ ئاتالغان بۇ تۈزۈمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز ھوشۇر ئۆز دوكلاتىدا جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قايسى خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە ياتقانلىقى ھەم بۇلارنىڭ ئىچىدە سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقانلارنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.
ئېلشات ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەدلىيە نازىرى ئابلىز ھوشۇر ئۆز دوكلاتىدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن 38 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قايسى خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر بولۇش ئېھتىمالى زور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئېلشات ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقانلارنىڭ تۈرمىدە ياتقانلار ئىچىدە ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، 1990-يىلدىكى بارىن ۋەقەسى، 1997-يىلدىكى ئىلى ۋەقەسى ھەم 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ئىيۇل ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەردە تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كونكرېت سانى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ ھېلىمۇ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن « 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى » دە قولغا ئېلىنغانلارنى مىسالغا ئېلىپ، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا 1400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتىدا 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلار نەزىرىدە، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز تىنچسىز ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، قەرەللىك ھالدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىن، ھازىر غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن مەڭگۈ تىنچىماس زېمىن دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندا بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىگە 19 ئۆلكىنىڭ ياردىمى نامىدا رايونغا مەبلەغ سېلىپ، كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش، رايوننىڭ مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش، دىنىي ئېتىقادقا تۈرلۈك ناملار بىلەن چەكلىمە قويۇش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى چەكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكىگەندىن باشقا، تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە يېتىپ چىققانلارغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.