تامسىز تۈرمە (2)
2006.07.03
" كۆزۈتۈش" ژۇرنىلىنىڭ 6 -ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان "تامسىز تۈرمە" دېگەن ماقالىنىڭ كىرىش سۆزى مۇنداق باشلىنىدۇ: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، كوممۇنىزم تۈزۈمى خۇددى ھەيۋەتلىك تاغلاردا قار كۆچكەنگە ئوخشاش بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا گۇمران بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا كاپىتالىزمچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بىر يېڭى دەۋرگە كۆچتى. بىز ھازىر پۈتۈن دۇنيانى خۇددى دېڭىزلار چايقىلىپ، تاغلار كۆمتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك بىر غايەت چوڭ ئۆزگۈرۈش ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ دەپ قارايمىز. بۇ دەۋردە كونا تۈزۈمنىڭ، بولۇپمۇ كوممۇنىزمنىڭ قالدۇقلىرى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم خەلق يەنە شۇ كوممۇنىزم تۈزۈمىدىن قالغان "تامسىز تۈرمە" ئىچىدە ئازاب چېكىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بەزى رايون خاراكتېرلىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، ئىنسانىيەت بالا-قازاغا ئۇچراپ تۇرىۋاتىدۇ. لېكىن بۇنداق ھادىسىلەر ۋە توقۇنۇشلار پۈتۈن ئىنسانىيەت ئاللىقاچان يۈزلەنگەن يېڭىچە مەدەنىيەتكە ھەرگىزمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى مۇئەييەن.
بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز كوممۇنىزمدىن قالغان مۇستەبىتلىك
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىزم گۇمران بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئورتاق بىر يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا، خىتايدا زىيالىيلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى بىزنىڭ پۈتۈن دۇنيا بىلەن تەڭ مېڭىپ، ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىدىغان چوڭ ئىشىلىرىمىزغا يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇنى بىز ھازىرقى بىر جىددىي مەسىلە دەپ قارايمىز. شۇڭلاشقا بۇنداق ھادىسە پەيدا بولۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپى بولغان، بۇ ۋاقىتقىچە تېخى ئۇچۇق -ئاشكارا جاكارلىمىغان شۇئارنى ھازىر تازا ئۈنلۈك جاكارلاشنى خالايمىز: بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز كوممۇنىزمدىن قالغان مۇستەبىتلىك! مۇستەبىتلىكنىڭ بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنى ھامىيلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ۋاستىلىرى. بۇ چوڭ دۈشمەن زىيالىيلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر قېيىن دۈشمەن. بۇ دەۋردە لۇشۈن تەنقىدلەپ ئۆتكەن تەبىئەت دۇنياسىدا يوق بولغانلىقى ئۈچۈن سۈنئى ياساپ چىقىلغان، ئۇچۇق-ئاشكارا ياشىىمايدىغان ھېلىقى بەتبەشىرە ھايۋان بۇ دەۋردە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، يەنە قايتىدىن مىدىرلاپ- تولغۇنۇپ قوپۇپ، يالغانچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى ئالدايدىغان مىللىي سەھنىگە چىقتى. خىتايدا زىيالىيلار 1990 - يىللاردا باشلانغان ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى ئىسكەنجىگە، شۇ ئىسكەنجىدىكى دىنسىزلىقنىڭ ئازدۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئىرادىسى سۇنۇپ، تەدرىجى ھالدا خىلمۇ-خىل روھىي پاتقاقلارغا پاتتى. دۆلەتنىڭ ئىدىئولوگىيە قامچىسى زىيالىيلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلغۇزمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم زىيالىيلار 2000 - يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىزمدىن قالغان مۇستەبىتلەرنىڭ "زامانىۋىلاشتۇرۇش" دېگەن ھەرىكىتىگە دوس تارتىپ ماڭدى. بىز بۇ يىللاردا لۇشۈن ئەپەندى تەنقىدلىگەن "مەدەنىيەت ئاغمىچىلىقى" دېگەننىڭ ئەمەلىيىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆردۇق.
چېختا غەلىبە قىلغان ئەركىنلىك خىتايدا نېمە ئۈچۈن غەلىبە قىلمىدى؟
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 1989- يىلى چېختا رەڭلىك ئىنقىلاب غەلىبە قىلدى. ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشىدا چېختىكى زىيالىيلارنىڭ زامانغا ماسلاشقانلىقى بىر مۇھىم سەۋەپ بولغاندىن باشقا، چېخنىڭ ئۆزىدە قەدىمىي ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسى تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقى، زىيالىيلار، يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ روھى تېخى كوممۇنىزم تەرىپىدىن تامامەن بېت-چىت قىلىپ تاشلانمىغانلىقى مۇھىم سەۋەپ بولدى. ئەسلەپ كۆرىدىغان بولساق، 1968 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تانكىلىرى "پراگا باھارى"نى يانجىپ تاشلىغاندىن كېيىنمۇ، 70-، 80 - يىللاردا چېختا يەنە بىرنەچچە يۈز خىل گېزىت ، ژۇرنال، سەنئەت نومۇرلىرى ئۇدا تارقىلىپ تۇردى. ھەرخىل قوليازما كىتابلار قولدىن -قولغا كۆچۈپ ئوقۇلۇپ تۇردى. دېمەك، شۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن چەكلىيەلمىگەن بۇنداق "ئىككىنچى خىل مەدەنىيەت" داۋاملىق يامراپ تۇرغان ئىدى. شۇ پۇرسەتتەخەلق ئىچىدە رېئال ھايات ساقلىنىپ قالدى. سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى، خىتايدىمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىي ئاخىرلىشىپ 80 - يىللار يېتىپ كەلگەندە، خۇددى چېختىكىدەك شۇنداق "ئىككىنچى خىل مەدەنىيەت" داۋاملاشقان ئىدى. ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە گۇڭگاچىلاردىن چولپانچىلەرغىچە، ھەتتا "دۆمىلەڭ تاشىم" مۇزىكىلىرىغىچە بولغان ھەممە تۈرلەر يەر تېگىدىن بىراقلا پارتلاپ چىققان ئىدى. يازغۇچىلار دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ قەلبىدىكى يارا ئىزلىرىنى قايتىدىن تەسۋىرلەپ، تارىخنىڭ ئەينىنى سۆزلەشكە باشلىغان ئىدى. شائىرلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈز تەپەككۈرلىرى بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە نەشتەردەك سانچىلغان ئىدى. ئەمما چېختا غەلىبە قىلغان ئەركىنلىك خىتايدا غەلىبە قىلالمىدى. 1989 - يىلى ياز ئايلىرىدا بىر كېچىدە خەلقنى قارا باستى. يارىتىلغان تارىخ يەنچىلدى. راستچىللىق بورمىلاندى. خەلق ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى جاسارەت، ھەققانىيەت، ئېتىقات ۋە سەمىمىيلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، خۇددى توزاققا چۈشكەن جانۋاردەك ۋۇجۇدىنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈپ تاشلاپ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ يىللاردا دۆلەت ئۇلارغا قارىتا خۇددى سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە باشلانغان ئاياللارنى "گۈزەل" قىلىش ئۈچۈن پۇتلىرىنى بوغۇپ كېچىك پۇتلۇق قىلىش ھەرىكىتىدەك ۋاستە قوللۇنۇپ، ئەركىنلىكىنى ئۆزىنىڭ قولىغا ئېلىشقا باشلىغان خەلقىنىڭ پۇت-قولىنى بوغۇچلاشقا باشلىغان ئىدى. خەلق بىر "تامسىز تۈرمە" ئىچىدە قالدى. جەمئىيەتتە مىللىي روھ ئاللىقاچان سۇنغان بولغاچقا ، ئۇلار مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بىر قاراڭغۇلۇق. بۇ قاراڭغۇلۇقنى بۇزۇپ تاشلاۋاتقان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ يىراقتىن كېلىۋاتقان تېلېفوندىكى ئاۋازلار. بۇ ئاۋازلار مەخپى قورال ئارقىلىق بىنا قىلىنغان تامسىز تۈرمە ئىچىدە ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان كىشىلەر دىن كېلىۋاتقان ئاۋاز. ئۇلارنىڭ ئاۋازى كېلىدۇ، لېكىن راس سۆزى كەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان نەرسىنىمۇ "پەقەت كۆرمىدىم" دەيدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلاردىكى قاراڭغۇلۇق بىر ئەدەبىي تەسەۋۋۇر ئەمەس، بۇ قاراڭغۇلۇقنى دۇنيا كۆرۈۋاتىدۇ، سېزىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ قاراڭغۇلۇق مەشئەل يېقىپ يۇرۇتۇلمىسا، پاش قىلىنمىسا، مۇستەبىتلەر شۇ قاراڭغۇلۇقتا بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى ئۆزىگە پايدىلىق قىلىپ ياساپ چىقىۋېرىدۇ. (داۋمى بار) (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تامسىز تۈرمە (1)
- ئىسمايىل سەمەت خىتاي ھۆكۆمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
- ب د ت خىتايدا تەن جازاسى مەسىلىسى بويىچە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا قاماپ قويماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ھەققىدە دوكلات ھازىرلىماقچى