ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەرنىڭ شەرت-شارائىتى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەرنىڭ شەرت-شارائىتى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.03
Qelemkeshler-jamiyiti-uyghur-yazghuchi-305.jpg بېلگىيە پايتەختى بريۇسسەلدا ئېچىلغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ 9-نۆۋەتلىك تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنى. 2011-يىلى 24-27-مارت.
RFA/Ekrem

گەرچە نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يازغۇچىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ئۇنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى يازغۇچىنىڭ شاياردىكى بىر تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ دەرھال يازغۇچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى گۇمان، تەشۋىشلەرگە خاتىمە بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى كەتېرىن بەيبېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ۋاپات بولغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

ئۇ، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ خەۋىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بىز بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشنى سورىغان ئىدۇق. چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بەزى تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان. نۇرمۇھەممەت بىز ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەھبۇس. ئۇ شىنجاڭدا قاماقتىكى بىر قانچە ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن بىرى. بىز ئۇنىڭ ئامانلىقىدىن ناھايىتى جىددىي ئەندىشە قىلىمىز ۋە ئۇ بۇنداق قاتتىق جازالانماسلىق كېرەك، دەپ قارايمىز. شۇڭا بىز تۈنۈگۈن ئۇنىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى دەرھال ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. شىنجاڭدىكى تۈرمىلەرگە قامالغان مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىمىز، دەپ كۆرسەتتى.

كەتېرىن بەيبېر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: بىز نۇرمۇھەممەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر كېلىشىنى دىلىغوللۇق ئىچىدە كۈتۈۋاتىمىز، دەيدۇ.

نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئېلان قىلغان. تېڭ بياۋ، شاياردىكى بىر تۈرمىگە قامالغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گاۋ جىشىڭنىڭ ئادۋوكاتى. ئۇ، نۇرمۇھەممەتنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئۇيغۇر دوستلىرىدىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خەۋەر مەنبەسىنى ئاشكارىلىمىغان. لېكىن نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شاياردىكى تۈرمىدە ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق 1‏-تۈرمىگە قامالغان.

نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ خەۋىرى تارقىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتى دەرھال خىتاي تۈرمىلىرىنىڭ شەرت-شارائىتى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىغا بۇرالغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى كەتېرىن بەيبېر، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈرمىلەرنىڭ شەرت-شارائىتى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ئۆزلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ شىنجاڭدىكى تۈرمىلەرنىڭلا ئەمەس، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈرمىلەرنىڭمۇ شەرت-شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى، مەھبۇسلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزچىل تەييارلاپ كەلگەن دوكلاتلىرىمىز بار. نۇرمۇھەممەت ئىلگىرى ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىغا ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا تەن جازاسى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلۋەتتە يەنە، ياش ھەم ساغلام بەزى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار تۇيۇقسىز تۈرمىگە كىرىپ كېتىپ، شۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. بىز دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇڭا بىز دائىم شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا قىلىنغان مۇئامىلىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلدۇق.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرمۇھەممەت ياسىننى ئۇنىڭ «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرىنى باھانە قىلىپ، 2004‏-يىلى 11‏-ئايدا قولغا ئالغان. كېيىنكى يىلى 2‏-ئايدا ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يازغۇچىنىڭ قاماق مۇددىتى 2014‏-يىلى 11‏-ئايدا توشىدىكەن. كەتېرىن بەيبېر، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ : بىز نۇرمۇھەممەتنى ۋىجدان مەھبۇسى، دەپ قارايمىز. بۇ، ئۇ پىكىر ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىپ تۈرمىگە سولانغان، دېگەنلىكتۇر. پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغانلارنى قۇتقۇزۇش بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ بىر پارچىسى. نۇرمۇھەممەت بولسا ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسىرىنى نەشر قىلىپ تۈرمىگە سولانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ياش ھەم ئەسەرلىرىدە پىكىر ئەركىنلىكى ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز يەنە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ئۇنى يەنە ب د ت تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى زىيارەت قىلغان. بىز ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ھەرىكەت قوزغىغانغا خېلى يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىز ئىنتايىن چەكلىك. بىز ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى بىر خىل دىلىغوللۇق ئىچىدە كۈتۈپ كېلىۋاتىمىز. يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن ئۇ، بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاچقۇچلۇق شەخس، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.