ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم مەجبۇرىي زەھەر تاشلاش ئورنىدىن ئىگە بولۇشىمىزغا قارىغاندا، زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش خەتىرى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، زەھەردىن يىراقلىشىش مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بۇ ئورۇنلار ئەمەلىيەتتە زەھەر تاشلاۋاتقانلارنى ئەيدىز ۋىرۇسىغا يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل ئەيدىزگە قارشى دۇنياغا قاراتقان چاقىرىق شوئارى بولسا « ھەممە ھەرىكەتكە كېلىپ نۆلگە قاراپ ئىلگىرىلەيلى» يەنى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىدا نۆل، ئەيدىزدىن ئۆلۈش ئەھۋالىدا نۆل ۋە يەنە ئەيدىزلەرنى كەمسىتىشتە نۆلنى يارىتىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشنى مۇراجىئەت قىلماقتا.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئىدارىلىرى قارمىقىدىكى تۈرمە ھەمدە زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشنى كونترول قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر ئېلىش ھەققىدە يىغىن چاقىرىلغان. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئىدارىسىنىڭ تورىدا 22 - نويابىر ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى ۋە ئەيدىزلەرنى داۋالاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشتىن باشقا، ئەيدىزنىڭ تۈرمە ۋە زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرىدىن جەمئىيەتكە تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇ ئورۇنلاردا زەنجىرسىمان تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شۇنداقلا بۇ جەھەتتە ئەمەلىي قەدەم ئېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ 2010 - يىلى - 9 ئايدا ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىك دوكلاتىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر ئەڭ ئاخىرقى مەلۇمات دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2010 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا قەدەر بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 32مىڭ 532 نەپەر بولۇپ، ئەيدىز سانى جەھەتتە خىتاي بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزكۇر دوكلاتتا گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بۇيان ئەيدىز تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇمدارلىرىنى داۋالاش جەھەتلەردە مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىلىپ مەلۇم ئۇنۇم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز تارقىلىش كاناللىرىنىڭ 9 غا كۆپىيىپ يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشكە بولغان تونۇشى، ئەيدىز ۋىرۇسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يەنىلا تۆۋەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يەنىمۇ ئەمەلىي ۋە ئۇنۇنلۈك تەدبىر ئېلىشقا، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشقا، مەخسۇسلاشقان داۋالاش ۋە مەسلىھەت بېرىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.
يېقىندا تۆت خىتاينىڭ يانفۇن ۋە ئېنتېرنېتتا « يىگىرمە مىڭ شىنجاڭلىق ئەيدىزلەر پۈتۈن مەملىكەتتە يېمەكلىكلەرگە ئەيدىز ۋىرۇسى بار قېنىنى تېمىتىش ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە ئەيدىز تارقاتماقتا» دېگەندەك بىمەنە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، بىر ھازا ساراسىمە پەيدا قىلالىشىنىڭ ئۆزىمۇ، يەنىلا كۆپ ساندىكى ئىنسانلارنىڭ ئەيدىز بىلىملىرىگە نىسبەتەن ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئەيدىزنىڭ سپېرما، قان ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يۇقۇش يولى بار شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تاماق، تاماق قاچىلىرى ۋە ياكى ئىچىملىك ئارقىلىق يۇقمايدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ بولغان ئەقەللىي ئەيدىز ساۋادى ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئالدىدا يەنە - 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرىغا چىققان يىڭنە سانجىش ۋەقەلىرىنىڭ شۇنچە يۇقىرى ۋە جىددىي ئىنكاس قوزغىشىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە بىر تەرەپتىن كىشىلەردىكى ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىنىڭ نەقەدەر تۆۋەن ھەم خاتالىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن دۈشمەن قانچە ناتونۇش بولسا شۇنچە ۋەھىمىلىك بىلىنىدۇ.
گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەيدىز تەشۋىقاتلىرى جەمئىيەتتە، نورمال تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن قانداق ساقلىنىش، ئەيدىزلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندا قانداق قىلىش دېگەنلەرنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئېھتىمالى ۋە خەتىرى ئەڭ ئېغىر بىر خىلۋەت جاي بولغان تۈرمە ۋە زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمەلىيەتتە بولسا تۈرمە ۋە زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرىدا زەھەر چېكىش ۋە باشقا يوللار بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلارمۇ باشقا زەھەر تاشلىغۇچىلار بىلەن سەھىيە ۋە تازىلىق تەدبىرلىرى مۇكەممەل بولمىغان بىر ئورۇندا ئوخشاش مۇھىتتا تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى ئەلۋەتتە ئادەتتىكى ئىنسانلار توپىدىن يۇقىرى. بۇ ئورۇنلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇپ جەمئىيەت ياكى ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلگەنلەردىن جەمئىيەتتە تارقىلىش كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
چۈنكى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 70%تىن كۆپرەكى زەھەرلىك چېكىم چەككۈچىلەر شۇنداقلا ئوخشاش شپىرس ئارقىلىق زەھەرنى ئوكۇل قىلىش جەريانىدا يۇقتۇرۇۋالغۇچىلاردۇر.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى باشقۇرۇشىغا تەۋە بىر زەھەر تاشلاش مەركىزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرىدىمۇ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن ئۆز - ئارا يۇقۇملىنىش خەتىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى :
ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشنى كۈچەيتىش، يۇقۇمدارلارغا غەمخورلۇق قىلىش، تارقىلىش مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، تارقىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، مۇھاپىزەت قىلىش كەسپىي قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى بولسا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ناھايىتىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.