ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئىجتىمائىي مەتبۇئات توغرىسىدا سۆھبەت

تېخنولوگىيە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى ئىنتېرنېت تېخنولوگىيىسى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مەتبۇئاتلاردىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ ئۆز دەۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ كىشىلەردىن بىرى ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندىدۇر. ئۇ 1985-يىلى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان. 1994-يىلى ئوقۇش ئۈچۈن ياپونىيىگە بارغان. 1999- يىلى ياپونىيە شىيۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇغان. 1997-يىلى غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونىيىدە قېلىپ مىللىي دەۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.

turmemet-dangliq-yapon-jornalistlar-bilen-385.jpg
تۇرمەمەت ياپونىيىلىك داڭلىق ژۇرنالىستلار بىلەن بىللە. 2011-يىلى ياپونىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئۇنىڭ ئۆز كەسپى بولغان يېزا ئىگىلىك پەنلىرىدىن باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ كۆپ ساندا ماقالىسى ياپونىيىدىكى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كېيىنكى يىللاردا http://twitter.Com ۋە http://www.Facebook.Com/ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلاتماقتا. ئىجتىمائىي مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭ 9000 ئەتراپىدا ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ، ھەر كۈن دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يېزىپ تۇرىدىكەن.