سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بىلەن ئۇچراشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنىدىن 18 ‏- كۈنىگىچە ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلىپ، بىر يۈرۈش خىزمەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ زىيارىتى جەريانىدا، ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى مەھمەت ئەلى ئۇلۇتاش ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە "5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەققىدە دوكلات بەردى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىرلەشتى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە، ئىستانبۇل شەھەرلىك نوپۇس ۋە ۋەتەنداشلىق مۇدىرى مەھمەت گۈنگۆر ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ‏- ۋەتەنداشلىق ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە گىراجدانلىقىغا ئۆتۈشى ئۈچۈن شەرتلەرنى يېنىكلىتىش ھەققىدە بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپ سۇندى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇل مەركىزى ساقچى ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ چەتئەللىكلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ساقچى باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق رۇخسەت خېتى ھەل قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە ئىستانبۇلدىكى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى قاتارلىق بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلاتنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.