تۇرپان ۋىلايىتىدىكى كەلكۈندە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى كېلىپ چىقتى

تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم ساياھەت رايونلىرى تۇرپان، پىچان، توقسۇن ناھىيىلىرىدە، 18-ئىيۇندىن باشلاپ ياققان قاتتىق يامغۇر كەلكۈن ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

0:00 / 0:00

دائىرىلەر كەلكۈندە ھازىرغىچە تۆت ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ كەلكۈن يەنە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى، ئۈزۈم باراڭ ۋە ئېتىز-ئېرىقلىرىنى، بىر قانچە كۆۋرۈكلەرنى ئېقىتىپ كەتكەن ھەمدە بەزى مەكتەپلەرنى، بىر قىسىم ساياھەت ئورۇنلىرىنى، ئاساسىي مۇئەسسەلەرنىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران قىلغان بولۇپ، نەچچە ئون مىڭ خەلق ئاپەتكە ئۇچرىغان. ئەمما تۇرپان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «بۇنى ئاپەت دېگىلى بولمايدۇ» دەپ ئىنكاس قايتۇردى. ئوت يۇرتىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئىگىلىگەن مەلۇماتلار دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

ئۈرۈمچى تورىنىڭ 20-ئىيۇن خەۋەر تارقىتىشىچە، تۇرپان ۋىلايىتىدە 18-ئىيۇندىن باشلاپ يۈز بېرىۋاتقان كەلكۈن ئاپەتلىرى، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، 19-ئىيۇن كۈنى توقسۇننىڭ كۈمۈش يېزىسىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى تۆت ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

turpan-kelkun-apiti2-385.jpg
كەلكۈندە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن. 2011-يىلى 20-ئىيۇن. (www.tlf.gov.cn)

تۇرپان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورى، يالقۇن تاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 18-ئىيۇن كۈنىدىن 20-ئىيۇن كۈنىگىچە، تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم يېزا، كەنتلەر قايتا ‏-قايتا كەلكۈن ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بولۇپمۇ تۇرپاننىڭ كۆكيار، كۈمۈش، داڭلىق ساياھەت ئورنى بولغان بويلۇق قاتارلىق جايلاردىكى خەلقنىڭ ئۆيلىرى، ئېتىزلىرى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلگەن.

20-ئىيۇن كۈنىدىكى ئاپەتتە بويلۇق ساياھەت رايونىدا بىر قانچە يۈز ساياھەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭدىن ئارتۇق ئامما كەلكۈن ئىچىدە قالغان، ئوت يۇرتىدىكى جەننەت دەپ تەسۋىرلىنىدىغان بويلۇق ساياھەت باغچىسىنىڭ گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلىرى ۋەيران قىلىنىپ، يوللىرىنى پاتقاق بېسىپ كەتكەچكە، دۆلەت ئااااا دەرىجىلىك بۇ داڭلىق ساياھەت ئورنىمۇ تاقىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىمقى كەلكۈن بويلۇق ساياھەت باغچىسىغا 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي زىيان سالغان.

ئاپەت ئەڭ ئېغىر كۆرۈلگەن كۈمۈشتىكى بىر قىسىم ئۈزۈم تەكلىرىنى قىيان ئېلىپ كەتكەن، 98 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلغان. كەنتلەردىكى دېھقانلارنىڭ بىر قانچە يۈز قويلىرىنى ئېقىتىپ كەتكەن، كەلكۈن يەنە، سىمتاناپ كۆۋرۈكلىرىنى، كۆۋرۈك ۋە يوللارنىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. تۇرپان ۋىلايىتى دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ كەلكۈن ئاپىتىنى تۇرپان تەۋەسىدە كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان بىر قېتىملىق كەلكۈن دېيىشكە بولىدىكەن، ئەمما ھازىرغا قەدەر كەلكۈننىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ۋە چىقىم ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۇرپاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق، تۇرپان شەھىرىگە يېقىن يېزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى، بۇ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تۇرپان شەھەر ئىچىگە ئانچە تەسىرى بولمىغانلىقىنى، ئاساسەن تاغقا يېقىن جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بويلۇق يېزىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر ياش ئايال كەلكۈن ئاپىتىنىڭ بۇيلۇقنىڭ ساياھەت رايونى ۋە بوستان يېزىسىغا ئېغىر تەسىرى بولغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە تۇرپاندا داۋام قىلىۋاتقان كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۇرپان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما كېچىلىك نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان بىر خادىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، تۇرپان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان كەلكۈندە تۆت ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرنىمۇ رەت قىلدى شۇنداقلا ئاپەتنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ «بۇنى ئاپەت دېگىلى بولمايدۇ» دېدى.

كەلكۈن ئاپىتى بىر قەدەر ئېغىر دەپ ئېلان قىلىنىۋاتقان توقسۇننىڭ كۈمۈش يېزىسىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلدۇق، كەلكۈن كۆپ يېزىلاردىكى تېلېفون ئالاقىسىگىمۇ كاشىلا پەيدا قىلغان بولۇپ، ئىككى يىل ئاۋۋال سىچۈەندىن كۈمۈش بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەن ليۇ فامىلىلىك بىر خىتاي تىجارەتچى، مۇشۇ كەنتنىڭ ئۆزىدىلا تۆت ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئاپەتتە نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆرۈۋېتىلگەنلىكى، ھازىر ماكانسىز قالغان ئاپەتتىكى خەلقنىڭ كەپىلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خىتاي كۆچمەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 19-ئىيۇندىكى كەلكۈن بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەزكۇر يېزىدىكى كۆمۈر كاندا ئىشچىلارنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن بولۇپ ئون نەچچىسىنىڭ جەسەتلىرى سۈزۈۋېلىنغان بولسىمۇ يەنە بىر قانچىسىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە يەنە، شۇ كۈنىدىكى ئاپەتتە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بىر دىرېكتورىنىمۇ كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىپ ئۆلگەن ئىكەن.

ليۇ فامىلىلىك بۇ خىتاي كۆچمەن يەنە ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئاپەت يۈز بېرىپ بىر كۈندىن كېيىن كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭغىچە يەرلىك ئاممىنىڭ ئېغىر چىقىمدار بولغانلىقى ئاپەتتە ئۆيلىرى ۋەيران بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گەرچە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر توختىغان بولسىمۇ، ئەمما تەڭرىتېغىنىڭ تۇرپان دائىرىسىدىكى تاغ ئېتەكلىرىدە يەنە يامغۇرلۇق ھاۋا كىلىماتى داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇ كەلكۈننىڭ قايتا كېلىش ئېھتىماللىقتىن دېرەك بېرىدىكەن.