يار يېزىسى نۇقتىلىق نازارەت ئاستىدا
يېقىندا بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى تۇرپاندا يۈز بەرگەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ھەرىكەتلەردىن بىر قاتار مەلۇمات بەردى. ئۇشبۇ مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۇرپاندا خىتايغا قارشى مىللىي ھەرىكەتلەر يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغان.
قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىشتىن باشلاپ، بانكىدىن پۇل بۇلاش ۋە خىتاي ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە داۋام قىلغان. ئىنكاسچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تۇرپان شەھىرىدىكى يار يېزىسى بىلەن پىچان ناھىيىسى خىتاي ساقچى تارماقلىرىنىڭ نۇقتىلىق زەربە بېرىش ئوبېكتى بولۇپ كەلمەكتە. يار يېزىسىنىڭ كوچا دوقمۇشلىرىغا رەسىم كامىرالىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، يار يېزىسىغا كېلىپ كەتكۈچىلەرمۇ نازارەت ئوبېكتى بولغان.
ئىنكاسچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2001 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يار يېزىسىدىكى رەھمىتۇللاھ ھەبىبۇللاھ قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. رەھمىتۇللاھ يۈكسەك دىنىي مەلۇماتى، يېتەكلەش ئىقتىدارى بىلەن مىللىي ھەرىكەتلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئالغان.
ئارقىمۇ - ئارقا ئۆلۈم جازالىرى
خىتاي 2002 يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئابدۇقېيىم ئىمىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. خىتاي يېقىندا يەنە، قاھار قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن. قاھار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقىغان.
تۇرپاندا يۈز بەرگەن يەنە بىر ۋەقە، قوش تىللىق مائارىپقا قارشى ھەرىكەت بولۇپ، غالىپ ھەبىبۇللاھ قاتارلىق ياشلار، پىچاندا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
تۇرپاندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار يۇقۇرىقىلاردىن پەقەت قوش تىللىق مائارىپقا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان غالىپ ھەبىبۇللاھ قاتارلىق ياشلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق ئەھۋالىنى ئېتىراپ قىلدى. قاھار قاتارلىق ياشلارنىڭ سوتلىنىش ئەھۋالىنى سەزگۈر مەسىلە دەپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. يەنە بەزى ئورۇنلار بولسا تۇرپاندا ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پىچاندا قورال - ياراق ياسىغان بىر گۇرۇھ قولغا ئېلىنغان
تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنى كۆزەتكىنىمىزدە، تۇرپاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئۇچراتقان بولساقمۇ، تۇرپان خەلقىنىڭ ھال - ئەھۋالى، دەرت - شىكايىتى ھەققىدە ھېچ مەلۇمات كۆرمىدۇق. تور بەتلەردە ئۇيغۇر مىللىي خاراكتېرى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە سەنئەتخۇمارلىقىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغان، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك مىللىي ھەرىكەتلىرىدىن ئايان بولغان ھەقسىزلىككە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈش، زوراۋانلارغا باش ئەگمەسلىك خاراكتېرى تىلغا ئېلىنمىغان.
يەنە ئالدىنقى ئايدا شىنجاڭ خەۋەر تورىدا ئۇيغۇر رايونلۇق ساقچى نازارىتىنىڭ يېقىنقى 5 ئاي ئىچىدە ئىشلىگەن مۇقىملىققا ئالاقىدار خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقا بىر مەلۇمات بېرىلدى. مەلۇماتتا، پىچاندا قورال - ياراق ياسىغان بىر گۇرۇھنى پاش قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىنمىغان. بىزگە كەلگەن ئىنكاستىمۇ قورال ياساش ۋەقەسى بايان قىلىنمىغان. بۇ ئەھۋال يۇقىرىقى تىجارەتچى يەتكۈزگەن ئەھۋاللارنىڭ تۇرپاندا يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، پەقەت بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.