تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى ئەرز قىلىۋاتقان يېزا باشلىقى پەخرىدىن يۆتكىۋېتىلدى

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى ئۆز باغلىرىنى بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتىگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان 15 ئائىلىلىك دېھقان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا كوللېكتىپ ئەرز قىلغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.02.03
dehqan-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار.
RFA

غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلار بۇلتۇر ھەم ئالدىنقى يىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى بىلەن بەرپا قىلغان باغلىرىنىڭ، ناھىيىلىك ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى بىلەن، بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدا قۇرماقچى بولغان ئىستىراھەت باغچىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئەينى چاغدا ئۆز باغلىرى ھەم تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىشقا مەجبۇرلانغان دېھقانلاردىن 15 ئائىلىلىك دېھقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا قارىماستىن، بۇ يىل يانۋاردا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا تۇرپانيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى دېھقانلارنىڭ يېرىنى بازار باھاسىدىن تۆۋەن باھادا سېتىشقا مەجبۇرلاپ، ئوتتۇرىدىن پايدا ئالدى دەپ ئەرز قىلغان.

يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئەينى چاغدا تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ھەر مو يەر ئۈچۈن 18 مىڭ يۈەن باھا قويۇلۇپ سېتىۋېلىنغان. دېھقانلار سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ باھانىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە قويۇلىدىغان باھادىن خېلىلا تۆۋەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىشقا نارازى بولۇپ، بەزى دېھقانلار تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق بېسىمى بىلەن ئۆز يەرلىرىنى سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

دەسلەپكى چاغلاردا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ باغلىرىدىكى مېۋىلىك دەرەخ ھەم باشقا قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدىغان تېرەك، قارىياغاچ قاتارلىق دەرەخلەر ئۈچۈن ئايرىم ھەق تۆلىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دەل-دەرەخلەرگە تۆلىنىدىغان پۇل، بازار باھاسىدىن ئاز ھېسابلىنىپ تۆلەنگەن. ھەتتا بەزى دېھقانلار بۇ پۇلغا ئېرىشەلمىگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېھقانلار سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەر مو تېرىلغۇ يەر ئۈچۈن دېھقانلارغا 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ھەق تۆلىنىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يەر باھاسىدىكى بۇ خىل پەرق دېھقانلارنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خىزمەتچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرزىيەت ئىشخانىسى تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ يەر داۋاسى ھەققىدىكى ئەرزىنى ئۆتكەن ئايدا قوبۇل قىلغان. بۇ خىزمەتچى خادىم ئۆز بايانىدا يەنە نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تېرىلغۇ يەر ھەم باغ-ۋارانلىرىنى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، سېتىشقا مەجبۇرلانغان دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئەرزلىرىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يەنە بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېھقانلارنىڭ ئەرزىدىن كېيىن، يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئەرز سۇنغان دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشىغا كىملەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن. ھەتتا بىر دېھقاندىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان تۇغقىنىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرگەن. شۇنداقلا بۇ يېزا كادىرلىرى دېھقانلارنى يەر داۋاسى ھەققىدىكى ئەرزنى مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا ئاشكارىلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، يەرلىك ئورۇندا ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىدىكى دېھقانلار ئۆتكەن ھەپتە تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى پەخرىدىننىڭ، غۇلجا ناھىيىسىدىكى يېڭىتام يېزىسىغا يېزا باشلىقى بولۇپ يۆتكەلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئورنىغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى يەنە بىر ئايال كادىر يېزا باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېھقانلارغا يېزا باشلىقى پەخرىدىننىڭ خىزمىتىنىڭ يۆتكەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا باشلىقى پەخرىدىننىڭ يۆتكىلىش سەۋەبى ھەققىدە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىغا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن. تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئەينى چاغدا تۇرپانيۈزى يېزىسىدىن دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار ئىچىدە يېزا باشلىقى پەخرىدىن ھەم يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى كەنتىنىڭ باشلىقى ئابدۇسەمەت قاتارلىقلار ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىكەن. ھازىر دېھقانلار ئارىسىدا، ئۇلارنىڭ ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى بەزى كادىرلارنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىشى بەدىلىگە، ئوتتۇرىدىن پايدا ئالغانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر كۆپەيمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ، كەنت باشلىقى ئابدۇسەمەتنىڭ ئەينى چاغدا بېغىنى سېتىشنى رەت قىلغان نۇرى ئىسىملىك باغ ئىگىسى ھەم باشقا دېھقانلارنى يېرىنى سېتىشقا بىۋاسىتە مەجبۇرلاپ، تەھدىت سالغانلىقى سەۋەبىدىن، دېھقانلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقى كۈچلۈك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.