بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەرزدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى نۇقتىلىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇلار قارشىلىق كۆرسەتسە ئېغىر - قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان.
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، 2001 - يىلى قەشقەرگە زىيارەتكە بارغاندا، ئۇنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە 10 مىنۇت توختاپ ئۆتىشى، ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنىڭ 50 ياشلىق ئانىسى گۇلايىم مامۇت ۋە 18 ياشلىق سىڭلىسى تۇرنىسا غوپۇرنىڭ 4 سائەت تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇلۇشىغا سەۋەب بولغان.
شۇ كۈنى خىتاينىڭ قەشقەردىكى ساقچىلىرى تۇرسۇن غوپۇرنىڭ ئانىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ قوللىرىغا كويزا سېلىپ، قورۇسىدىكى پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە 4 سائەت باغلاپ قويغان. بۇ، خۇ جىنتاۋنىڭ بىر قېتىملىق قەشقەر سەپىرىنىڭ پەقەت بىر ئائىلىگە ئېلىپ كەلگەن دىشۋارچىلىقلىرىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدە تۈرلۈك ناھەقچىلىكلەر سەۋەبىدىن يۇقىرى - تۆۋەن شىكايەت قىلىپ يۈرگەن ئەرزدارلارنىڭ سانى بىرقانچە يۈزگە يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا دىنىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى سەزگۈر ئائىلە دەپ قارىلىپ نۇقتىلىق كۆزىتىلىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ سانىمۇ كۆپ ئىكەن. مانا ھازىر، بۇ ئائىلىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر گۇمانلىق ۋە ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلە بولۇپ ئاشكارىلانماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.