خىتاي ئۆتكەن يىلى 800 مىڭ ئادەمنى قولغا ئالدى

0:00 / 0:00

خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جيا چۈنۋاڭ چارشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، خىتايدا ئۆتكەن يىلى 811102 ئادەمنىڭ ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كىشىلەر ئاساسلىقى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، زەھەرلىك چىكىملىك سېتىش، ئالدامچىلىق قاتارلىق ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. بىراق، جيا چۈنۋاڭ ئۇلارغا قانداق جازا بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەتمىگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى ئارتۇقچە قوللىنىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش دىگەن جىنايەتنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا

باش شتابى نيو-يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ليۇ چىڭ ئەپەندى، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى خالىغانچە قوللىنىش ۋەزىيىتىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

" خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلغانلارنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ. ھۆكۈمەت ئۆزى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردا ھەر يىلى تۆت مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. بىراق، كىيىن ئاشكارىلانغان بىر قىسىم مەلۇماتلاردا بۇ ساننىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. تۆت مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى دېگەندىمۇ، بۇ سان دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار سانىنىڭ 80٪ ئىنى ئىگىلەيدۇ".

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

"ئەگەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار 10 مىڭدىن ئاشسا، ئۇ چاغدا بۇ سان، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ يىغىندىسىنىڭ ئون ھەسسسىگە توغرا كېلىدۇ. خىتاينىڭ ھەممە قانۇنىدا دېگۈدەك ئۆلۈم جازاسى بار. بۇ دۇنيادا ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىغان ئەھۋال. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆلۈم جازاسى پەقەت بىراۋ باشقىلارنىڭ جېنىغا تەھدىد ئېلىپ كەلگەن شارائىتتا قوللىنىلىدۇ. ئەمما خىتايدا بولسا ئۇنداق ئەمەس. خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا ھېيت- بايراملارنىڭ ھارپىسىدا بىرەر ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ئادەملەرنى ئېتىپ، باشقىلارغا ھەيۋە قىلىدۇ".

"ئۈچ خىل كۈچ" يەنىلا نىشان

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ باش تەپتىش ئەمەلدارى جيا چۈنۋاڭ دوكلاتىدا، 2004 - يىلىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ " ناچار" بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، " بىز دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالغان جىنايەتچىلەر، بۆلگۈنچىلەر، تېررورچىلار ۋە دىنىي رادىكاللارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بەردۇق" دېگەن. ئۇ يەنە، بۇ خىل تەھدىدلەرگە داۋاملىق تۈردە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ

ئەمما ليۇ چىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان ۋە نارازىلىق بىلدۈرگەن بارلىق كىشىلەرنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ جازالىماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

خىتاينىڭ " دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى" بويىچە، ھۆكۈمەتكە بولغان بارلىق نارازىلىقلار ۋە قارشىلىقلار " دۆلەت بىخەتەرلىكى" كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزىلىۋاتىدۇ. ئىلگىرى بۇنى " ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەت" دەپ ئاتايتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ، خەلقنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش، ئۆز ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنى تاللاش قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ۋە ياكى مۇستەقىللىق تەلەپلىرى بار. بۇ تەلەپلەر ھەققىدە پىكىر بېرەلمەيمەن. ئەمما مېنىڭچە، مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ بولامدۇ، تىبەتلەرنىڭ بولامدۇ، ئۆز سىياسىي تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى بار. بۇ خىل تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى باستۇرغانلىقنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىق. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش" جىنايىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز سىياسىي پىكرىنى تىنچلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى باستۇرىۋاتىدۇ.

ليۇ چىڭ، خىتاي ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جىيا چۈنۋاڭنىڭ ئۆتكەن يىلى جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان 1600 دەك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش دىلولىرىنىڭ نەچچە مىڭ ئەمەس، بەلكى نەچچە يۈز مىليون ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بىر نەچچە ئادەمنى جازالاپ، شەكىلۋازلىق قىلىش بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى، چوقۇم تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

سەۋەبلەر كۆپ تەرەپلىمە

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلقىدىن 8.3٪ ئاشقان. نيو-يوركتىكى ئادۋۇكاتلىق قىلىۋاتقان شياڭ شاۋجې، خىتايدا قولغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ ئىشىشىدا كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادىي دىلولار، بولۇپمۇ چىرىكلىك دىلولىرىنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، جىنايى ئىشلار دىلولىرىمۇ ئازلىغىنى يوق. بۇلار خىتايدا قولغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىق سەۋەب بولىۋاتىدۇ. يېڭىراق بولغان يەنە بىر سەۋەب، خىتاي " جىنايى ئىشلار قانۇنى" غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كىيىن، " ئەكسىلئىنقىلابى جىنايەت" نى بىكار قىلىپ، " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش جىنايىتى" نى كىرگۈزدى. بۇ جىنايەتكە ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىمۇ كىرىپ كەتتى. ئاخىرقى بىر سەۋەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،رەزىل دىنىي مەزھەپلەر ۋە يوشۇرۇن دىنىي تەشكىلاتلارغا بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتتى.

ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى

ئادۋۇكات شياڭ شاۋجې يەنە، خىتاينىڭ " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش" دىلولىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق دىلوسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى:

- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقىغا، مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ھەرىكەتلىرىنىمۇ، " تېررورچىلىق ھەرىكەت" دەپ ئاتاۋاتىدۇ. خىتايمۇ خۇددىي رۇسىيە چېچەنلەرنى تېررورچىلار دەپ باستۇرغاندەك، خەلقئارادىكى " تېررورچىلىققا قارشى" كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دىلولىرىنى خىجىل بولماستىن، " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد يەتكۈزۈش" تەك قانۇن كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزىۋالدى. شوڭا يېقىنقى يىللاردىن بويان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە دىنىزاتلارنى باستۇرىشىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.

شياڭ شاۋجې، خىتايدىكى تەپتىش خىزمىتىدە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دىلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىشتەك ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ماھىيەت جەھەتتە زور ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق دىلولىرىنى يەنىلاجىنايى ئىشلار كاتىگورىيىسىدە بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)