«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى» ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان ئىدى. مەزكۇر چارە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان ھالدا بېكىتىپ چىقىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ قارار ئېلان قىلىنغاندىلا كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئاخبارات ساھەلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
چۈنكى، بۇ چارىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ۋە شۇنىڭغا يول ئاچىدىغان نۇرغۇن زىددىيەتلىك ماددىلار بار. مەسىلەن، يولغا قويۇش چارىسىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە ماددىي بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق ئاممىۋى خاراكتېردىكى ۋەقەلەر ۋە تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرسە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن قاتتىق چارە قوللىنىشى، ۋەقەنى ئالدىن-ئالا ۋە تېز سۈرەتتە بىر تەرەپ قىلىشى كۈچكە ئىگە قىلىنغان.
مەزكۇر چارە بۇ يىل مايدا ئېلان قىلىنغاندا ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر چارىنى بەلگىلەپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ چارىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا مەخسۇس تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق شتابى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق جىددىي ۋەقە يۈز بەرگەندە «جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق شتابى» نىڭ بۇيرۇقىغا بىردەك بويسۇنىدىكەن.
مەسىلەن، چارىنىڭ بىرىنچى بابى 5-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:
-ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار مەخسۇس جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە تۈرلۈك مەخسۇس قوماندانلىق شتابلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. قوماندانلىق رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى شۇ مەمۇرى رايوندىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى خادىملىرى ۋە شۇنداقلا شۇ يەردە تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، قوراللىق قىسىمنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.
يۇقىرىدىكى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە تۈرلۈك مەخسۇس قوماندانلىق شتابلىرىنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى تەشكىلىي سىستېمىسىنى ناھىيە-شەھەر، يېزا-بازار ھۆكۈمەتلىرىگە، كوچا ئىش باشقارمىلىرىدىن، مەھەللە-كەنت كومىتېتلىرىغىچە، مەھەللىلەرگە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، مەكتەپ ۋە كارخانا-كەسپىي ئورۇنلارغىچە كېڭەيتكەننىڭ سىرتىدا، كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمىتى، ۋەقە تۇغۇلۇشى ئېھتىماللىقى بولغان رايون، ئورۇنلار، شەخسلەرنى كۆزىتىشمۇ چىڭىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە چارىنىڭ 2-بابى 15 ماددىسىدا-ئادەم جىق يىغىلغان جايلاردا، ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، سەزگۈر رايونلاردا، ئاساسلىق نىشان رايونلار ۋە ئوخشىمىغان شارائىتلاردا جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرقانداق بىر نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرسە، ساقچى ئورگانلىرى ۋەقەنى دەرھال تېررورلۇق بىلەن باغلاپ، ئۇ كىشىلەرنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ «خەۋپنى ئۇۋىسىدىلا ئۇجۇقتۇرۇش» دەيدىغان يوليورۇقىغا بىنائەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ۋەقەنى جايىدىلا تۇنجۇقتۇرۇۋېتىش، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى ئەڭ ئاساسىي خىزمەت پرىنسىپى قىلىپ كەلمەكتە. بۇ چارە مانا بۇ خىل خىزمەت پرىنسىپىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، چارىنىڭ 5 -بابى 43-ماددىسىدا «تۈرلۈك لايىھىنى ۋاقتىدا قوزغىتىپ، تۈرلۈك تاسادىپىي جامائەت ۋەقەلىرىنى دەل ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش، تەدبىرنى توغرا بەلگىلەپ، ئىككىلەمچى ۋە يېڭى بىر ھادىسىدىن ساقلىنىش، تاسادىپىي جامائەت ۋەقەلىرى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن خۇلاسىلەش» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى» دە يەنە جىددىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىياتى ھەمدە بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ھەققىدە ساختا ئۇچۇر تارقاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى جازالاش، يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قانداق جازالاش ھەققىدىكى بىر قاتار ماددىلار بېكىتىلگەن.
بۇ يولغا قويۇش چارىسى 8-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 30-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى، خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمما، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، يۇقىرىدىكى قاتتىق قول چارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، سوتسىز ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.