ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بۈگۈن يەنى 1-ئاۋغۇست كۈنى تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئىجرا قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە، دەپ بىلىپ، جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق شتابلىرى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
نۇر بەكرى ماقالىسىدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارنىڭ ھەربىي ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلىدىغان قوماندانلىق شىتابلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇش، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدە ئالاھىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنىڭ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. يولغا قويۇش چارىسىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى، بارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ كەڭ تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تۈنۈگۈن چارىنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدىمۇ ئوخشاش مەسىلىنى يەنى، جىددىي ۋەقەلەرنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى جىددىي ۋەقەلەرنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە نېمىشقا شۇنچە جىددىيلىشىدۇ؟ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىددىي ۋەقە نېمە؟ كىمگە قارىتىلغان؟
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش چارىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ بارلىقىنى، ئەمما ئۇلاردا زور كەلكۈن ئاپىتى، يەر تەۋرەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى كۆزدە تۇتسا، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن 19 ئۆلكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بەختلىك ھالدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما يەنە بىر ياقتىن 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش، «3 خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» دەيدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىي، ئىقتىسادى، دىنىي سىياسەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق بىلەن باغلاپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇ تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاي كۆچمەنلەرگە تۇراقلىق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تارقىتىپ، 6 مىليون كۆچمەننى يەرلىكلەشتۈرۈشى بىلەن تېخىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسۇن ۋە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسۇن، خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەڭ قاتتىق نارازى قىلىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىدە ئورتاقلىشىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بويسۇندۇرۇش ئىستراتېگىيىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇرلار قانچىلىك قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر بۇنى قەتئىي داۋام قىلىدۇ.
ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ توغرىلىق ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز)
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق ياراتقان ۋەقەلەرنىڭ كەينىدىكى ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنى ئىزدەش، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەڭشەشنىڭ ئورنىغا، مەسىلىنى نوقۇللا «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» خاھىشىغا باغلاپ كەلدى. شۇڭا خەلقئارادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى بىلەن يىلدا ئېلىپ بارىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىدە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي، مەدەنىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى قايتا-قايتىلاپ تەلەپ قىلسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە بىر قەدەم تاشلىغانلىقى كۆرۈلگىنى يوق. كۆرۈلمەيلا قالماي، بەلكى بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. مەسىلەن، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، روزا-رامزان مەزگىلىدە ئىدارە -ئورگانلاردا، مەكتەپلەردە روزا تۇتۇشنى چەكلەشكە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشلار چىقىرىلىپ، خىزمەتچىلەر قول قويۇشقا قىستالغان. دېھقانلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئېلىش ئۈچۈن دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق ھەققىدىكى شەرتنامىگە قول قويدۇرۇلغان. ھەتتا بالىلار رامزان ناخشىسى ئېيتىشتىن چەكلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئىمكانىنىڭ تېخىمۇ تارلىشىدىغانلىقىنى ۋە قارشىلىقنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن ساۋاق ئالمىغانلىقى ۋە بولۇپمۇ تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش يولغا قويۇش چارىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى، دەپ كۆرسىتىشىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئارمىيە ۋە قورال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش يولىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.