خىتايدىكى «تۇز قەھەتچىلىك» ساراسىمى ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم بازارلىرىدا كۆرۈنۈۋاتقان تۇز قەھەتچىلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ساراسىمە، دائىرىلەرىنى مەخسۇس تۇز زاپاس مىقدارىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر قىلغان ئىكەن.

0:00 / 0:00

يودلۇق تۇز يېسە ئاتوم رادىئاتسىيىسىدىن ساقلىنىدىكەن دېگەن ئەپقاچتى گەپلەر بىلەن باشلانغان خىتاي بازارلىرىدىكى ئاش تۇزى قەھەتچىلىكى، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بەزى جايلاردا ئادەتتە بىر يېرىم يۈەن ئەتراپىدا سېتىلىۋاتقان بىر خالتا ئاش تۇزىنىڭ باھاسى ئىككى كۈن ئىچىدە 15 يۈەنگە ئۆرلىگەن. دۇكانلاردا تۇز يېتىشمەسلىك، ئاھالىلەر يەيدىغانغا تۇز تاپالماسلىقتەك قەھەتچىلىك كۆرۈلگەن. گەرچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خەلقنى ئاساسسىز ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىك، تۇز قەھەتچىلىكى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەردىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ۋە شۇنداقلا تۇز بازارلىرىنى تولۇقلاش ھەرىكەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، پۇقرالار يەنىلا تۈرلۈك ئەندىشىدە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى-17 مارت كۈنى بارلىق ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تۇز ئىسكىلاتىدا، پۈتۈن رايوندىكى خەلق ئاممىسىنى تۆت ئايغىچە تەمىنلىيەلىگىدەك زاپاس ئاش تۇزى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيىدە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش ۋە ئاتوم رادىئاكسىيىسىنىڭ تارقىلىش ئېھتىمالى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ تەسىرىدە، خىتاي تور بەتلىرىدە ئاش تۇزى تەركىبىدىكى يودنىڭ، رادىئاكسىيىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقى ھەققىدىكى سەپسەتىلەر تارقالغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا-16 مارتتىن باشلاپ ئاش تۇزىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ، بۇلاپ-تالاپ سېتىۋېلىشى بىلەن بازارلاردا تۇز قەھەتچىلىكى كۆرۈلگەن. بۇنىڭ تەسىرى تېز ئارىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغىمۇ تەسىر قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېمەك ئىچمەك بازارلىرىدا تۇز قەھەتچىلىكى كېلىپ چىققان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن-17 مارت تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا «تالىشىپ سېتىۋېلىش مەزگىلىدە، تۇز سېتىش رايونلىرىدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ تەييار تۇز مەھسۇلاتىنى تەقسىملەشنى زورايتىپ، ھەر قايسى رايونلاردىكى ئىسكىلاتلاردا تۇز مەھسۇلاتى كەم بولۇشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، تۇز سانائىتى شىركەتلىرى 24 سائەت تەقسىملەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەپ بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېيىلگەن.

17-مارت كۈنى خىتاي تۇز سانائىتى باش شىركىتىمۇ بۇ ھەقتە مەتبۇئاتقا بايانات بەرگەن بولۇپ، باياناتتا «نۆۋەتتە، شىركىتىمىز ئاش تۇزىنىڭ باھاسىنى ئۈستۈرگىنى يوق، بىر تۈركۈم قانۇنسىز سېتىقچىلارنىڭ مەقسىتى پىتنە-پاسات تارقىتىپ، ئارىدىن نەپ ئېلىش. ئەگەر ئاش تۇزىنىڭ باھاسى نورمال ئەھۋالدىكىدىن ئۆرلىتىۋېتىلگەن قىلمىش بايقالسا، بىز ئالاقىدار تارماقلار بىلەن زەربە بېرىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاممىنى تۇز مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيمىز. بازاردىكى تەڭپۇڭلۇق ئەسلىگە كەلگۈچە 24 سائەت تۇز مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق، خاتىرجەم بولۇشۇڭلارنى سورايمىز» دېيىلگەن.

16-مارتتىن باشلاپ ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىمۇ ئوخشاشلا تۈز قەھەتچىلىكى كۆرۈنگەنلىكى ھەققىدىكى يازمىلار جىددىي ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. شۇنداقلا ئادەتتە بىر يېرىم يۈەن ئەتراپىدا سېتىلىۋاتقان ئاش تۇزىنىڭ باھاسىنىڭ 10 يۈەن، ھەتتا 15 يۈەنگە كۆتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسلار چاپلاندى.

گەرچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دائىرىلەرمۇ باھانى ئۆستۈرمىگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنى رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت، ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما-18 مارت ئۈرۈمچىدىكى ئاھالە ۋە بىر قىسىم يېمەكلىك دۇكانلىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تۇز قەھەتچىلىكى ساراسىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە بەكرەك گەۋدىلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

بىز بۇ خىل تۇز قەھەتچىلىكى ھادىسىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردىمۇ پەيدا بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلدۇق، قەشقەردىكى مەلۇم تاللا بازىرىدىكى بىر خىتاي پىركازچىك، ئىككى كۈندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ تالىشىپ تۇز سېتىۋېلىش ھالىتىنىڭ بۈگۈن بىر ئاز نورماللاشقانلىقىنى بىلدۈردى:

ئاتۇشتىكى مەلۇم ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ خادىمى بولسا تۇز قەھەتچىلىكتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

غۇلجىدىكى بىر خىتاي كۆچمەن، خىتايدا داۋاملىق مۇشۇنداق ساراسىمىلەرنىڭ پەيدا بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئىلگىرى ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆسەك سۆزدىن پەيدا بولغان ساراسىمىگە ئالدىنىپ، ئاخىرىدا ھېچقانداق ئىش بولمىغاچقا، تەجرىبە-ساۋاقتىن كېيىن بۇ قېتىمقى تۇز قەھەتچىلىكى ھەققىدىكى ئىغۋاغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما، خىتاي ئىچىدىكى بىر قىسىم جايلاردا بۇ خىل تۇز قەھەتچىلىكىدىن كېلىپ چىققان ساراسىمە ھېلى ھەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ،بۇ ھەقتە خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ زور غۇلغۇلا ۋە ئىنكاسلار داۋام قىلماقتا. جۇڭگوغا نەزەر تور بېتىدە بۇ ھەقتە داۋام قىلىۋاتقان تور مۇنازىرىلىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ 10 يىلغىچە تۇز بىلەن تەمىنلىگۈدەك زاپاس مەھسۇلاتىمىز بار، خاتىرجەم بولۇڭلار دېگەن«قۇرۇق ۋەدىلىرىگە ئىشەنمەيمىز»، «خەلق ئىغۋاغا ئىشىنىپ زىيان تارتسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبارسىز ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدۇ»....دېگەندەك گۇمان ھەم ئەندىشىلەر داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پۈتۈن خىتاينى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان بۇ ساراسىمە پەقەت تۇز قەھەتچىلىكىدىنلا كېلىپ چىققان بولماستىن، خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك ۋە ئەنسىزلىك كەيپىياتىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەن.

بەزى خىتايچە تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە «ياپون مىللىتىنى شۇنچە غايەت زور ئاپەت تەۋرىتەلمىدى، ئەمما جۇڭگو خەلقى بىر قېتىملىق تۇز ھەققىدە تارقالغان سەپسەتە بىلەن يېڭىلدى. جۇڭگودا ھەممىدىن قورقۇنچلۇقى، تۇز قەھەتچىلىكى ۋە باشقا يادرو بۇلغىنىشىمۇ ئەمەس، ئۇ پۇقرالاردىكى ساپا قەھەتچىلىكى، ئىشەنچ قەھەتچىلىكى» دەپ يېزىلدى.