ئۈچ بۇرجەكلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى توكيودا ئۆتكۈزۈلمەكچى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ بۇرجەكلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتناشماقچى.

0:00 / 0:00

بۇ ئۇچرىشىشتا كورىيە دۆلەت باشلىقى لىمىڭباك، ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتو قان، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قاتارلىق رەھبەرلەر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بەزى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

بۇ 4-نۆۋەتلىك ئۇچرىشىش بولۇپ، مەزكۇر 3 دۆلەت رەھبەرلىرى 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشنى ياپونىيىنىڭ فۇكوكا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇچرىشىشنىڭ 2-قېتىملىقى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا، 3-قېتىملىقى بولسا 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى كورىيىنىڭ جىجۇ ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

2009-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق ئۈچ بۇرجەكلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا قايسى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؟ ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلەرمۇ؟ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋېن جياباۋنىڭ ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا نېمە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكچى؟

بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ياپونىيە خەلقئارا كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.