ئۇچتۇرپان يېزىلىرىدىكى بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بالىلار ناھىيىگە توپلانغان

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيە مەركىزىگە يىغىپ ئوقۇتۇش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكى مەلۇم.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.01.09
qosh-til-oqughuchilar-305.jpg خوتەن قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
AFP
ئۇچتۇرپان يېزىلىرىدىكى بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بالىلار ناھىيىگە توپلانغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيە مەركىزىگە يىغىپ ئوقۇتۇش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكى مەلۇم.
بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ئەھۋال ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىمۇ كۆرۈلگەن. دائىرىلەر ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى بارلىق يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى بىكار قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ناھىيىگە توپلىغان. بۇ بەزى ئاتا ئانىلاردا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى خىلى بۇرۇن باشلانغان ناھىيىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

بەزى بىر رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇچ تۇرپاندا 1917 - يىلىلا پەننىي مەكتەپ ئېچىلغان ۋە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر پەيدا قىلغان ئىكەن.

خىتاي مەنبەلىرىدە مەزكۇر يېزىنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى 180 مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ناھىيىدە جەمئىي 8 يېزا بار ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ 50 يىللارنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان ۋە 1960 يىللارنىڭ بېشىغا كەلگۈچە ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر بىر يېزىدا بىردىن باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن باشقا ھەر بىر يېزىدا بىردىن ئوتتۇرا مەكتەپ بەرپا قىلىنغان. ھەتتا 1980 - يىللارغا كەلگەندە نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ يېزىلاردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرمۇ قۇرۇلغان ئىكەن.

ھالبۇكى، 2009 - يىلىغا كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى «مائارىپ بايلىقلىرىنى يىغىنچاقلاش» دېگەن «پەتىۋا» بىلەن مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى 8 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7 سىنى بىكار قىلىپ بۇ يېزىلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ناھىيە مەركىزىگە يىغىۋالغان.

تۆۋەندىكىسى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى مۇختەر كېرەمنىڭ بايانلىرى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «زور تەرەققىيات» تىلغا ئېلىنسىلا، خىتاي ھۆكۈمىتى 1949 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ «مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن» لىكىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

ئەمما، 1950 - يىللاردىن بۇيان بەرپا قىلىنغان شۇنچە كۆپ مەكتەپنىڭ بىر بۇيرۇق بىلەنلا بىكار قىلىنىپ، 5 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىر سىنىپقا 50 دىن قىلىپ يىغىۋېلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغا ئېلىۋاتقان ئاتالمىش «زور تەرەققىيات» جۈملىسىگە ياتامدۇ؟ پەقەت بىرلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 200مىڭغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە بىر ناھىيىنىڭ مائارىپ ئېھتىياجىنى قاندۇرالامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ھېس قىلماق ئانچە تەس بولمىسا كېرەك. ئەمما، مۇختەر كېرەم بۇ مەكتەپلەرنى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىكار قىلىپ، يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېزىلاردىكى بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىكار قىلىنىپ ئوقۇغۇچىلار ناھىيە بازىرىدىكى «گوچىڭ» يەنى «دۆلەت بايرىمى» مەكتىپىگە توپلانغاندىن كېيىن، بۇ بەزى دېھقان بالىلىرىدا يول كىراسىدىن قىينىلىش قاتارلىق رېئال مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغان.

بۇ مەكتەپ كەلتۈرۇپ چىقارغان مەسىلىلەر بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى نام - شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلار ناھىيە مەركىزىگە يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچلارنىڭ نىسبىتى كېمەيگەن.

ئەمما، بۇ نۇقتىنى مۇختەر كېرەم رەت قىلغان بولسىمۇ، بالىلارنىڭ كېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇختەر كېرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بويىچە 2015 - يىلىغىچە ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «قوش تىل مائارىپى» ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇنىدىكەن.

ئۇنداقتا ئۇچتۇرپاندا قۇرۇلغان «گوچىڭ» مەكتىپى يۇقىرىقى «ئىستراتېگىيىلىك پىلان» نى ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغانمۇ - قانداق؟ مۇختەر كېرەم بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى غۇلجا تەۋەسىدىكى17 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بىكار قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيە يىغىۋالغان. بۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

يېزىلاردىكى باشلانغۇچتىن يۇقىرى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيىگە يىغىۋېلىشتا يەنە قانداق سەۋەبلەر بار، بۇنىڭ ئارقىسىغا قانداق سىياسىي مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان؟ بۇنىسى بىزگە ھازىرچە قاراڭغۇ. بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات بېرىشقا تىرىشىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.