مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تاجىكىستاندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، 3 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. ئەلچىخانا باياناتچىسى مۇستافا تۈركەل يىلماز، ۋەقەنى يېقىندىن سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تاجىكىستاننىڭ تېخىچە ۋەقە ھەققىدە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
بىز بۇ ۋەقەدىن 9-يانۋار كۈنى خەۋەر تاپتۇق؛ شۇ كۈندىن باشلاپ، ئەلچىخانىمىز تاجىكىستان تاشقى مىنىستىرلىقىدىن مەلۇمات تەلەپ قىلدى. بىزنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزمۇ، تۈركىيىدىكى تاجىكىستان ئەلچىخانىسىدىن مەلۇمات تەلەپ قىلدى. ئەمما، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر جاۋابقا ئېرىشمىدۇق. بىز بۇ ھەقتە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن 10 كۈندىن بېرى ئىزچىل ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.
مۇستافا تۈركەل يىلماز مەسىلىنى تۈرك ۋەتەنداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما تاجىكىستان تەرەپتىن ئېنىق بىر جاۋاب ئالماي تۇرۇپ ۋەقە ئۈستىدە پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى ھەم ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز باياناتچىدىن ۋەقە سەۋەبلىك تاجىكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشكەن ياكى كۆرۈشمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ "ھازىرقى باسقۇچتا، سۈرۈشتە قىلىش ئوبيېكتىمىز، تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى" دەپ جاۋاب بەردى.
تۈركىيىدىكى تاجىكىستان ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئەلچىخانىدىكى نۆۋەتچى خادىم، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ نۆۋەتتە ئىش ئورنىدا يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ۋەقەدىن ئاخبارات ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى ھەم ئەلچىخانىنىڭ بۇ تۈر مەسىلىلەرگە تېلېفون ئارقىلىق جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئوغۇزخان، تۈنۈگۈن تۈرك تېلېۋىزىيىسىدە قىلغان سۆزىدە، مەسىلە يالغۇز 3 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىمۇ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ توغرىدا جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. ئوغۇزخان يەنە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەلۇم مەزگىللىك ياكى ۋەقە چىققان چاغدىلا ئەمەس، داۋاملىق تۈردە ئارىلىشىشنى، خىتاي بىلەن سودا ۋە دىپلوماتىك كېلىشىملەرنى تۈزگەندە بۇ خىل پۇرسەتلەرنى قاچۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
ئوغۇزخان سۆزىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىمۇ، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ خۇددى پەلەستىن، چېچەن ۋە كەشمىر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ 3 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.