'مەزلۇملار ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتى'، 'ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەخپى'، 'تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى'، 'شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى'، 'شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى' قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە 'مەزلۇملار ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تاجىكىستاندا تۇتۇلغان تۈركىيە پۇقراسى 3 ئۇيغۇرنى دەرھال قۇتقۇزۇشقا چاقىرىق قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا 'مەزلۇملار ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتى' ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئادۋوكات جىھات گۆكدەمىر، ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ھۈسەيىن ئورۇچ، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئادۋوكات نىجاتى جەيلان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەت ئوغۇزخان قاتارلىق مەسئۇللار، جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا كۆپ ساندا رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت - ژۇرنال مۇخبىرلىرى قاتناشتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 'مەزلۇملار ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتى' ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئادۋوكات جىھات گۆكدەمىر ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تىجارەت قىلىش ئۈچۈن تاجىكىستانغا بارغان ئەسلى شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركىيە پۇقراسى ئۈچ ئۇيغۇر، ھەر قانداق بىر تۈركىيە پۇقراسىغا ئوخشاش قوللىرىدا تۈركىيە پۇقرالىق كىملىكلىرى بولغان، پۈتكۈل مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان 3 تۈركىيە پۇقراسى ئىدى. خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەر قانداق بىر خىتاي پۇقراسى ئىككىنچى بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ھامان ئاپتوماتىك ھالدا خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت تۈركىيە پۇقراسى ئىدى."
جىھات گۆكدەمىر ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ئەسلى شەرقىي تۈركىستانلىق 3 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى تاجىكىستاندا خىتاينىڭ تاجىكىستانغا بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇ دۆلەتكە قايتۇرۇلغان. بۇنىڭغا قارشى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تاجىكىستاننىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىغا قارشى تاجىكىستان بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەردە ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا جىددىي بىر ئەزىيەت ئىچىدە قالدى."

جىھات گۆكدەمىر ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تاجىكىستانغا ئادۋوكات ئەۋەتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "مەزلۇم دەر جەمئىيىتى تۈركىيە پۇقراسى بۇ ئۈچ كىشىنىڭ تاجىكىستاندا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقە قىلىپ، تاجىكىستانغا ئادۋوكاتلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرى قويۇق بولغاچقا تاجىكىستان ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى خەلقئارا قانۇنغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ. بۇ قانۇنسىزلىقنىڭ تۈركىيە، تاجىكىستان ۋە خىتاي تەرىپىدىن دەرھال تۈزىتىلىشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۇقرالىققا قوبۇل قىلىنغان بۇ كىشىلەرگە قارىتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشنى كۆز ئالدىمىزغا قويغاندا، تۈركىيىدە پاناھلىق تەلەپ قىلىپ ياشاۋاتقان، ھەتتا قانۇنلۇق ھالدا تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەندىشە قىلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە قارشى تىك تۇرالمىغان بىر دىپلوماتىيىنىڭ ۋە سىياسىي ئورگاننىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوغدالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بىز مەزلۇم دەر جەمئىيىتى ۋە بۇ يەردە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلغان پۈتكۈل تەشكىلاتلار بىرلىكتە، تاجىكىستاندا ياشاۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن تاجىكىستانغا بارغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى بىلەن خىتايغا ۋە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداشتا يېتەرلىك قەدەم باسمىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمىز. خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى تۈركىيە پۇقرالىرىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىمىز."
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 4000 نەپەر ئۇيغۇرنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ يوليورۇقى بىلەن 4000 ئۇيغۇر تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىندى. تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان بۇ غەمخورلۇقى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇرلارغا چاڭگال سېلىش ئارقىلىق بىزگە ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىمىز يوق."
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ھۈسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى سۆز قىلىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 3 نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە ھۆكۈمىتى ماۋى مارمارا كېمىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان 600 كىشىنى ئىسرائىلىيىدىن ئىككى يېرىم كۈن ئىچىدە قايتۇرۇپ كەلتۈردى. خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان 3 نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ۋەقەسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ماۋى مارمارا كېمىسىگە كۆرسەتكەن مەيدانىنى بۇ 3 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈنمۇ كۆرسىتىشى كېرەك. تۈركىيە پۈتكۈل كۈچىنى ئىشقا سېلىپ 3 نەپەر تۈركنى قۇتقۇزۇشى كېرەك."
يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئارقا ئىشىكىگە ئايلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكتە. قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلماقتا. ئۇلار ئوخشاش تىل ۋە ئوخشاش دىندىن بولغان قېرىنداشلىرىغا ھېچ ئىچ ئاغرىتماستىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز."