1-ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تاجىكىستاندا تۇتۇپ كېتىلگەن ئەخمەت رەشىت، ئابدۇلخەمىت داۋۇتئوغلۇ ۋە كەمال ئۆمەرئوغلۇ قاتارلىق 3 ئۇيغۇرنى سۈرۈشتە قىلىپ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا نامايىش قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت شاندىر، ئوكتاي ۋۇرال، شەنول بال ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان رەھبەرلەر بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ ھەيئەت ئۇلارغا تاجىكىستاندا تۇتۇپ كېتىلگەن 3 ئۇيغۇرنى ھۆكۈمەتنىڭ سۈرۈشتە قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت شاندىر ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنى تۈركىيىگە قايتۇرۇپ ئەكېلىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكۈمەتكە سوئال خېتى يېزىپ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلىشىپ يېرىم سائەت ئۆتمەي، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمەت بۈيۈك ئاتامان ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىنغا بىر ئىلتىماس سۇندى ۋە ئۇنى ئومۇمىي يىغىندا ئوقۇپ ئۆتتى.
ئۇ خېتىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىغان. "شەرقىي تۈركىستانلىق تۈرك پۇقراسى كەمال ئۆمەرئوغلۇ، ئەخمەت رەشىت ۋە ئابدۇلخەمىت داۋۇتئوغلۇ قاتارلىق 3 ئۇيغۇر تاجىكىستاندا تۇتۇپ كېتىلگەن، بىز بۇلاردىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتىمىز. بۇ ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نېمىلەرنى قىلدى؟ بىز خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئالغان بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەر قىلىنىۋاتىدۇ؟ بۇ 3 ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زادى قەيەردە؟ "

كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھېكىم مەخسۇم، ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، ئالىمجان بۇغدا ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تەبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباي ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. جەلال ئەرباي ئەپەندى تاجىكىستاندا 3 ئۇيغۇر تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن پارتىيىسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل باشلىقى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە بۇ 3 ئۇيغۇرنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ مەسىلىدىن خەۋىرىم بار. ئالىمجان بىلەن داۋاملىق ھالدا ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتىمەن. بۇنداق كۆڭۈلسىزلىك بولسا ئالىمجان دەرھال ماڭا خەۋەر بېرىدۇ. بۇ قېرىنداشلىرىمىز تارتقان ئازاب بىز تارتقان ئازاب دېگەنلىك. شۇڭا بىز تاجىكىستاندا تۇتۇپ كېتىلگەن 3 ئۇيغۇرغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. ئەمما، تۈركىيە سىرتىدا بولغان ئىش بولغاچقا، بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتىمىز. ئەمما، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ 3 قېرىندىشىمىزنى تۈركىيىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز. پۈتۈن دىپلوماتىك يوللارنى سىناۋاتىمىز. مەن داۋاملىق ھالدا تۈركىيىنىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇۋاتىمەن."
ئۇ، ئۇيغۇر ھەيئەتنىڭ ئالدىدا تۈركىيىنىڭ دۈشەنبىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەمەت مۇنىس دىرىك ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئالدى. باش ئەلچى تېلېفوندا بۇ 3 ئۇيغۇر توغرىلىق تاجىكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا كۆپ قېتىم خەت يازغان بولسىمۇ جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى، ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، 3 ئۇيغۇرنىڭ ھازىر تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە سولاقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇرلار 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تەشكىلات مەسئۇللىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.