تاجىكىستاندا تۇتۇلغان 3 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيە پۇقراسى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تاجىكىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، مەخپىي ھالدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

0:00 / 0:00

2011‏-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تاجىكىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئەخمەت رەشىدى، ئابدۇلھەمىت داۋۇتوغلۇ ۋە كەمال ئۆمەروغلۇ قاتارلىق 3 ئۇيغۇر تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تاجىكىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئىكەن.

بۇ ئۈچ ئۇيغۇر تۇتۇلۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيىنىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بارلىق دىپلوماتىيە ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ ئارىدىن 1 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ھېچ قانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

مۇشۇ ئاينىڭ 6‏-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر دىپلوماتىيە ھەيئىتى تەشكىللەپ تاجىكىستانغا ئەۋەتكەن، بۇ ھەيئەت تاجىكىستانغا بېرىپ تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بۇ دىپلوماتىيە ھەيئىتى تاجىكىستانغا بېرىشتىن بۇرۇن ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن ئۇچرىشىپ مەزكۇر ئۈچ ئۇيغۇر ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

بىز بۇ دىپلوماتىيە ئۆمىكى بىلەن ئۇچراشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ دىپلوماتىيە ئۆمىكى تاجىكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر ئۈچ ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىق توغرىسىدا قولىدا ھېچ قانداق پاكىت ياكى مەلۇمات يوقلۇقىنى ۋە ئۇلارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاجىكىستانغا بارغان بۇ دىپلوماتىيە ھەيئىتى تاجىكىستان خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى مەخپىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكى، ئەمما بۇ ھەقتە ئېنىق پاكىتقا ئىگە بولالمىغانلىقىنى شۇنداقتىمۇ داۋاملىق بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىپ سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز يەنە بۇ ۋەقە ھەققىدە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.