تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تاجىكىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرمەكتە

5-ئاينىڭ 10-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى.

0:00 / 0:00

ئۇچرىشىشتا ۋەكىللەر تاجىكىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيە پۇقراسى كامال ئۆمەر ئوغلى، رىشىت ئەخمەت، ئابدۇل مىجىت داۋۇت ئوغلى قاتارلىق كىشىلەرنى تاجىكىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىكەن.

بۇ كىشىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ، ئەنقەرەدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتتۇلا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللا ئەپەندى بۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تاجىكىستان تەرەپنىڭ تېخى بۇنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.