UFO توغرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى دۆلەتلەردە نۇرغۇن خەۋەرلەر، سۈرەتلەر ئېلان قىلىنىپ كەلدى. مەخسۇس UFO تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كەسپى ژۇرناللار ھەر قايسى دۆلەتلەردە مەۋجۇد. لېكىن كىشىلەر ھازىرغا قەدەر بۇ جەھەتتە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئەمەس.
12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى "ئاپوللو" تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان UFO ھەۋەسكارلىرى ئوبامادىن تاشقى پىلانىت كىشىلىرىنىڭ ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلماقتا" ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇنلىغان UFO ھەۋەسكارلىرى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ئوباماغا خەت يېزىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر يوشۇرۇپ كەلگەن "خ ئارخىپ"نى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپكە ئوباما تەرەپدارى، ئاقساراينىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت خادىمى جوھن پودەستا ۋە يېڭى مېكسىكا شىتاتىنىڭ باشلىقى بىلل رىچاردسون قاتارلىقلارمۇ ئاۋاز قوشقان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "تاشقى پىلانىت ھادىسىلىرى سىياسىي ھەرىكەت كومىتېتى" ئوباماغا يازغان خېتىدە، 60 يىلدىن بېرى سىر تۇتۇپ كېلىنگەن تاشقى پىلانىت جانلىقلىرى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى ئاشكارىلاشقا ئوبامانىڭ بۇيرۇق بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ۋە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بۇ جەھەتتە ئەمدى قامالنى بىكار قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. جوھن پودەستا ئەپەندى مۇنداق دېگەن: "ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كەم دېگەندە 25 يىلدىن بۇيان UFO ھەققىدە توپلىغان دوكلاتنى ئېلان قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى. بۇ دوكلات ئالىملارنى بەلگىلىك سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكى ۋە ھەقىقىتى توغرىسىدا توغرا قارار چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك."
"تاشقى پىلانىت ھادىسىلىرى سىياسىي ھەرىكەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ستېفان باسىت بولسا "ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقىقەتنى يوشۇرۇش زامانى ئۆتۈپ كەتتى" دېگەن ۋە ئوباما ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغىچە، 4 مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ئۆتكەن يىلى UFO توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارە ئېلان قىلىشى ئامېرىكىغا بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنى يوشۇرىمەن دەپ ئەخمىقانىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىدىكى خەۋەردە بولسا، باراك ئوبامانىڭ تاشقى پىلانىت كىشىلىرى توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئەنگىلىيىدە تاشقى پىلانىت كىشىلىرىگە ئىشەنگۈچىلەر دىنغا ئىشەنگۈچىلەردىن كۆپ" ناملىق يەنە بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى 3مىڭ كىشى ئۈستىدىن راي سىناش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە %54 ئادەم خۇداغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، %58 ئادەم تاشقى جانلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
UFO توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر تارتىۋېلىنغان سۈرەتلەر ھەم ۋىدىئولار ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل تۈركىيىدە تارتىۋېلىنغان بىر ۋىدىئو ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان. ئەنگىلىيە "قۇياش گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "كىشىلەر ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ كۆرۈنۈش: تارىختىن بۇيان UFO ھەققىدە تارتىلغان فىلىملەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى دېگەن نامغا ئېرىشتى" ئاتلىق يەنە بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيىدە بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سەھەر سائەت 3:54 ئۆتكەندە ۋە 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەر سائەت 3:53 ئۆتكەندە تارتىۋېلىنغان UFO نىڭ سۈرىتى، UFO تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ھاياجان قوزغىغان.
خەلقئارا ئۇچار تەخسە تەتقىقاتچىسى ھېكتور ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: "بۇ ۋىدىئونىڭ كومپيۇتېردا ياسالغانلىقى ياكى تەبىئەت ھادىسىسى ئەمەسلىكى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئىسپاتلاندى. دېمەك بۇ ۋىدىئو %100 ھەقىقى ۋە ئىشەنچىلىك شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر تارتىلغان UFO ھەققىدىكى فىلىملەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى، بۇنىڭدىن بىز UFOنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جانلىقلارنىمۇ چوڭايتىپ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ھازىر ھەر قايسى ئەللەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ UFO نى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئېلان قىلىش ۋاقتى كەلدى" دېگەن.
ئىستانبۇلدا تارتىۋېلىنغان بۇ كۆرۈنۈش ھەققىدە تۈركىيە UFO تەتقىقات مەركىزى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە سۈرەتكە تارتىۋالغۇچىنى زىيارەت قىلغان. بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات تەييارلىغان. خەلقارا UFO تەتقىقات مەركىزى بولسا، بۇ ھادىسىنىڭ دۇنيادا زور تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.