ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالدى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2 يىللىقى مەزگىلىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

0:00 / 0:00

بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ ۋەقەنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 2009-يىلى ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ۋەقەنىڭ ئىككى يىللىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە ئەپكەلدى. 4-ۋە 5-ئىيۇل كۈنلىرى ئامېرىكا، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە ۋە ھەتتا ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم مەتبۇئاتلىرى ئارقا-ئارقىلاپ خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، 2009-يىلى ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ماقالە ۋە خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن نارازىلىق پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىندى.

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان ۋاشىنگتون پوچىتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مەزگىلىدە رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋەدە قىلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، ۋەقەنىڭ خاتىرە كۈنلىرى مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرىنىڭ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى قۇرۇپ چىقىشنى ۋەدە قىلغانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رايون ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن تەقدىردە، مىللىي زىددىيەتلەر ھەل بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا تىل، مەدەنىيەت ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئايرىمىچىلىققا ئۇچراشتىن شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىدەك مەزمۇنلار بايان قىلغان.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «دۇنيا مۇنبىرى» گېزىتى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىغا يەر بېرىلىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىدەك نوقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ئاز سانلىقلار قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويۇلۇۋاتقانلىقى، ئايرىمىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.

ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا چىققان بۇ ئىنكاسلارغا ئومۇمىي جەھەتتىن قانداق باھا بېرىشكە بولىدۇ. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن زىيارەت ئېلىپ باردۇق. ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان «قانلىق يەكشەنبە» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئامېرىكىدىكى خاففىڭتون پوچتىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.