[ ئۇيغۇر خرىستىئان مۆرىتى ئالىمجان ھىمىتOpens in new window ]
، 2007 - يىلى 1 - ئايدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى. ئۇ، ئوتكەن يىلى مايدا، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش"، چەتئەللىكلەرگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" دېگەن جىنايەت بىلەن سوتقا تارتىلغان. ھالبۇكى بۇ يىلى 28 - ئاۋغۇست ئېچىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سوتتا، ئۇنىڭغا ئەسلى ئارتىلغان جىنايەتلەردىن " دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش" قىسمى بىكار قىلىنىپ، "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئاشكارىلاش" جىنايىتى مۇقىملاشتۇرۇلغان. ئۇ يېقىندا شۇ جىنايەت بىلەن 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىغا جايلاشقان "خىتايغا ياردەم" تەشكىلاتىدىكى بوب فۇ ئەپەندى ئالىمجانغا بېرىلگەن ھۆكۈمنىڭ ئادەمنى تولىمۇ چۈچۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. "بۇ ئادەمنى بەكمۇ چۆچۈتىدىغان ۋە قانۇنىي تەرتىپ ھۆرمەت قىلىنمىغان سوت بولدى. ئۇلار سوتتا كۆرسەتكەن ئاتالمىش دەلىل -ئىسپاتلاردىمۇ نۇقسانلار ئىنتايىن جىق."
"خىتايغا ياردەم" جەمئىيىتى، ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي تەشكىلات بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەت ئالىمجان ھىمىتنىڭ دېلوسىغا كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان چەتئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى.
بوب فۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئالىمجان تۇتۇلۇپ، بۇ يىل 15 يىللىق كېسىلگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتلەر 3 قېتىم ئۆزگەرگەن. "ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتلەرمۇ 3 قېتىم ئۆزگەردى. بەزىسى ھەتتا سوت جەريانىدا ئۆزگەردى. ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش دېگەن جىنايەت ئارتىلغان. كېيىن بۇ بۆلگۈنچىلىككە ئۆزگەردى. ئەمدە ئۇنىڭغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېگەن جىنايەت ئارتىلدى."
رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالىمجان ھىممىتىنىڭ ئادۋوكاتى لياڭ شاۋجۈن، ئالىمجاننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: " مېنىڭ كۆڭلۈمدە سان بار. مەنچە ئۇ ھېچقانداق دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغىنى يوق."
ئادۋوكات لياڭ شاۋجۈن، خىتاي ئاساسىي قانۇنى بويىچە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتىگە 10 يىلدىن ئارتۇق جازا بېرىلىدىغانلىقى، ئەمما ئالىمجانغا بېرىلگەن جازانىڭ بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىمجان ئۆزى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئۇستىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغان. لياڭ شاۋجۈن يەنە، مەزكۇر ھۆكۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئىدارىسى ئالىمجاننىڭ دېلوسىدىكى "مەخپىيەتلىك " ئېنىقلىمىسى ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان باھالاش خۇلاسىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىسىلا، نەتىجە كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بىز يۇقىرى سوتتا باھالاش خۇلاسىسىنىڭ ھەقىقىيلىقى، قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە ياقلاش ئېلىپ بارىمىز. باھالاش نەتىجىسى ئاغدۇرۇپ تاشلانسىلا، بۇ دېلودا بۇرۇلۇش مەيدانغا كېلىدۇ."
ئۇ يەنە، ئالىمجانغا بېرىلگەن ھۆكۈمنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا بولغان ئىشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: " توسالغۇ بولمىسىلا بۇنى پۈتۈنلەي قىلغىنى بولىدۇ" دېدى.
ئادۋوكات لياڭ شاۋجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار نۆۋەتتە ئالىمجاننىڭ دېلوسىنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتتا ياقلاشقا، ھەتتا خىتاي ئالىي سوتىدا ياقلاشقىمۇ تەييارلىق كۆرۈپ قويغان.
ئالىمجاننىڭ دېلوسىغا يېقىدىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان "خىتايغا ياردەم" ناملىق دىنىي جەمئىيەتتىكى بوب فۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىمجاننىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشى ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنى جازالاشتا ئۇلارغا جىنايى قىلمىشلارنى ئارتىپ جازالايدىكەن.
بوب فۇ مۇنداق دېدى:" ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت بۇنى دىنغا قارىتا جازالاش شەكلىدە سوتلاشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار خىتايدا ھەممە ئادەم دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھر ئالماقتا دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە."
بوب فۇنىڭ قارىشىچە، ئالىمجاننىڭ دېلوسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنى باج ئوغرىلاش، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جازاغا تارتىش ئەندىزىسىگە چۈشىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالىمجاننىڭ يەنە بىر ئادۋوكاتى لى دۇنيۇڭ قەشقەردە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ 7 - دېكابىر ئالىمجان بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلار نۆۋەتتە ئالىمجاننىڭ ئەرزىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتتا ئاقلاش ئۈستىدە تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن.
ئادۋوكاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئالىمجاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئايالى گۈلنۇر ۋە ئۇنىڭ باللىرىنىڭ ئەھۋالى نورمال ئىكەن. ئەمما بىز ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالمىدۇق.