ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مال باھاسىنى كونترول قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى گۆش، كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆرلىگەن. بۇ، رايوندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

0:00 / 0:00

"ئۈرۈمچى تورى" نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 29 - سېنتەبىر بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم ۋە كۆكتاتلار ۋە رېستوران -ئاشپۇزۇللاردىكى تاماق باھاسىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بىرلەشمە ئۇقتۇرۇشتا، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق يېمەك - ئىچمەك بازارلىرى، رېستوران، مېھمانخانا، ساياھەت مەركەزلىرىگە قارىتا نازارەت كۈچەيتىلىدىغانلىقى، دۆلەت بەلگىلىگەن "مال باھاسى نىزامى" غا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 5 يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا بۇ يىل يېمەك - ئىچمەك باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىن %60 ئۆسكەن. بۇ يىل 9 - ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىدا ھەر كىلوگرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى 40 - 45 يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، گۆش سېتىۋالالايدىغان پۇقرالار بارغانچە ئازايغان.

"تەڭرىتاغ تورى" دا كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قوي گۆشى باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاشخانا - رېستورانلاردا قوي گۆشىنىڭ ئورنىغا كالا ۋە توخۇ گۆشى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىل يېمەك -ئىچمەك باھاسى بۇلتۇرقىدىن زور دەرىجىدە ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە، بۇلتۇر قىشتىكى قار ئاپىتىدە مال - چارۋىلارنىڭ قىرىلىپ كېتىشى ۋە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆكتاتلارنىڭ كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىنىشى گۆش، كۆكتات قاتارلىقلار باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى چۆچەكنىڭ قازاقىستان چېگرىسىدىكى باقتۇ سودا ئېغىزىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنغان كۆكتات 24 مىڭ 600 توننا بولغان بولسا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېكسپورت قىلىنغان كۆكتات 36 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى بىر يىل ئىچىدە ئېكسپورت قىلىنغان كۆكتات مىقدارىدىن 3 ھەسسە ئاشقان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ خىل ئەھۋال ئەسلىدىنلا قار ھەم يامغۇر ئاپىتى سەۋەبلىك كۆكتات يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقان ئۇيغۇر ئېلىدە كۆكتات باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېمەك - ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە رايوندىكى كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ كۆكتات ئېكسپورت قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا، خىتايدا مال باھاسىنىڭ جىق ئۆرلىمىگەنلىكىنى، پۇل پاخاللىشىشنى مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل خىتايدىكى پۇل پاخاللىشىش دەرىجىسى 3.7% كە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتايدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالغانلىقى، بولۇپمۇ ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى بىر قىسىم نامرات دۆلەتلەردە يېمەك - ئىچمەك باھاسى ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبلىك بىر قاتار توپىلاڭ ۋە ئىسيان ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى مال باھا ۋەزىيىتىدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي 2010 - يىلى 3 - سېنتەبىر ئاساسى قاتلام ئورگانلىرىغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، يېمەك - ئىچمەك باھاسى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۇقتۇرغان ۋە بۇ ئىشنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە مۇھىم بىلىشكە ۋە چىڭ تۇتۇشقا چاقىرغان ئىدى. خىتاي يەنە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بانكىلارنى، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن كۈپ مىقداردا قەرز پۇل ئاجرىتىشقا چاقىرغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە يېمەكلىك باھاسىنى كونترول قىلىش ھەققىدە قايتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى، دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم يېمەك - ئىچمەك باھاسى مەسىلىسىنى سىياسىي مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.