ئوكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشىنكو بۈگۈن پۈتۈن دۆلەت خەلقىنى، كوممۇنىزم ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ئارقىلىق تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئادالەت تىكلەپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىنى قۇرۇشقا چاقىردى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئوكرائىنانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئىۋان فرانكوۋىسكى ۋىلايىتىدە، ستالىن ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان خەلقنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ پائالىيەتتە، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى 1941 - يىلى 6 - ئايدا ئىۋان فرانكوۋىسىكىدا بىراقلا قىرىپ تاشلىغان مىڭدىن ئارتۇق 'سىياسىي جىنايەتچى' خاتىرىلەندى.
ئەينى ۋاقىتتا قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئەرلەر، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئىسكىلىتى 1989 - يىلى قايتىىدىن دەفنە قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئوكرائىنا پرېزىدېنتى يۇشىنكو قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىدى.
ئوكرائىنا پرېزىدېنتى يۇشىنكو پۈتۈن دۆلەت خەلقىغە كوممۇنىزم ئەخلەتلىرىنى تازىلاش چاقىرىقى چىقارغان بۇ ۋاقىت، دەل رۇسىيە باش مىنىسىتىرى ۋىلادېمىر پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلىغىلى بېيجىڭغا كەلگەن ۋە بېيجىڭدا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 'باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ۋە سودا پاراخوتلىرىغا راكىتا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى' ئىمزالىنىش ئالدىدا تۇرغان، شۇنداقلا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سەككىزىنچى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.
كوممۇنىست قىرغىنچىلىقى مۇزىيى قىرغىنچىلىققا قاتناشقان ساقچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئوكرائىنانىڭ ئىۋان فرانكوۋىسىكى ۋىلايىتىدە، كوممۇنىست قىرغىنچىلىقىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىدىغان مۇزىيى بۈگۈن زىيارەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. بۇ مۇزىيىدا، ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ۋىلايەتتە، ئوكرائىن خەلقىغە قىرغىنچىلىق قىلىشقا قاتناشقان 377 نەپەر كوممۇنىست ساقچىسىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.
بۇ ۋىلايەتتىكى كاتولىك ۋە ئورتادوكىس ئىبادەتخانىلىرىدا، كوممۇنىست قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان بىگۇنا خەلقلەر ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن دۇئا - تەلەپكە، ئوكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىبى قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئەينى ۋاقىتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى قاتناشتى.
يۇشىنكو: بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە ستالىننى گىتلېر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويۇش توغرىسىدا قانۇن تىكلەندى، ئوكرائىنامۇ شۇنداق قىلىدۇ
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2004 - يىلى رۇسىيە زەھەرلىگەندە ئۆلمەي ساق قالغان ئوكرائىنا پرېزىدېنتى يۇشىنكو، ئىۋان فرانكوۋىسىكى ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن كوممۇنىست قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان خەلقنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، "بۇ دۆلەتتە تېخىچە ساقلىنىپ قالغان كوممۇنىست بەلگىلىرى، كوممۇنىست پارتىيە ئەينى ۋاقىتتا ئوكرائىندا خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللانغان بەلگىلەر قاتارلىق كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىدىن دېرەك بېرىدىغان بۇنداق كوممۇنىزم ئەخلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تازىلاش كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.
پرېزىدېنت يۇشىنكو نۇتقىدا يەنە، ستالىن ئوكرائىنادا پەيدا قىلغان چوڭ ئاچارچىلىقنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان كۆز قاراشلارنى نۇمۇسسىزلىق، دەپ تەنقىدلىدى ۋە پۈتۈن خەلقتىن بۇ دۆلەتتىكى دىنىي ئالىملارنى، ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ھەر ساھە زىيالىيلىرىنى قىرغان كوممۇنىست جاللاتلىرىنى، كوممۇنستلارغا ياردەملەشكەن مىللىي خائىنلارنى سۈرۈشتۈرۈش قىلىشنى ئەستىن چىقارماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. "مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ، بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە ۋە پولشادا ستالىننى گىتلېر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويۇش توغرىسىدا قانۇن تىكلىنىپ بولدى، ئوكرائىنامۇ شۇنداق قىلىدۇ،" دەپ جاكارلىدى.
ئوكرائىننىڭ باش خانىمى يېكاجېلىننا يۇشىنكو مۇ بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلىپ 'موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا تېخىچە خەلقنى پرۇلېتارىياتلاشتۇرغان لېنىننىڭ قەبرىسى ساقلىنىپ تۇرماقتا، بۇنداق شارائىتتا، ئوكرائىنانىڭ شەرقىدىكى سلاۋىيان تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان كوممۇنىزم بەلگىلىرىنى تازىلىماي تۇرۇپ، پۈتۈن ئوكرائىن خەلقىنى باي قىلغىلى بولمايدۇ' دەپ كۆرسەتتى.
ئوكرائىنادا تازىلىنىش ئالدىدا تۇرغان يەنە 3 مىڭدىن ئارتۇق كوممۇنىست بەلگىلىرى ۋە كوممۇنىستلار قويغان كۇچا ياكى مەھەللە ناملىرى بار
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئوكرائىنادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ' تارىختا ھېچقاچان ئاچارچىلىق كۆرۈلۈپ باقمىغان، بەلكى ياۋروپانىڭ ئاشلىق ئىسكىلاتى دەپ ئاتىلىدىغان ئوكرائىنادا، كوممۇنىست پارتىيە چوڭ ئاچارچىلىق پەيدا قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە چېرنوبىل يادرو ئىستانسىسى ئارقىلىق ئوكرائىنلىقلارنى زەھەرلىدى. بۇنىڭدىن ئوكرائىن خەلقىدە پەيدا بولغان كوممۇنىسىتلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى پەسەيتىش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە 2007 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئوكرائىنادا 400 دىن ئارتۇق كوممۇنىست بەلگىلىرى تازىلانغان بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ئوكرائىنادا يەنە 3 مىڭدىن ئارتۇق كوممۇنىست بەلگىلىرى ۋە كوممۇنىستلار قويغان كۇچا ياكى مەھەللە ناملىرى تېخىچە ساقلىنىپ تۇرماقتا' دەپ كۆرسەتتى.