يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك، ئۈلكۈ ئۇجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبە مەسئۇللىرىدىن سەراپ بىلگىن ۋە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تۈرك دۇنياسى ئىشلىرى مەسئۇلى تولگا ئاقيۈز قاتارلىق مەسئۇللار ۋە ئۆلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆپ ساندا ئەزالىرى قاتناشتى.
يىغىندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتتى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: ھۆرمەتلىك تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندى، سىز شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ ناملىق بۇ يىغىن ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن بىز بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىمىز. بۇ يىغىنغا 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقى ئاڭلىتىلدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بەك تەسىرلەندى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ بىزنىڭ يېنىمىزدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سوئال: ھۆرمەتلىك تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندى، سىز بۇ يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن بۇ يىغىن ھەققىدە نېمىلەر ھېس قىلدىڭىز؟
جاۋاب: بىز شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشنى پەقەت ئىستانبۇلدا، ئۈلكۈ ئوجاقلىرىدا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئۇيۇشتۇرۇشنى خالايمىز. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بىزگە ھېسداشلىق قىلىشنى ئەمەس ئەمەلىي ياردەم قىلىشنى خالايمىز. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلاردىكى باشلىقلىرىمىز ۋە ئاكىلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن كۆپلەپ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
سوئال: ھۆرمەتلىك تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندى سىزچە بۇ خىل يىغىنلار قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
جاۋاب: تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يىغىنلار 3 ئاي ياكى 6 ئايدا بىر قېتىم ئەمەس كەڭ كۆلەمدە پات-پات ئۇيۇشتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ خىل يىغىنلار ئەڭ ئاز دېگەندە 12 ئايدا 12 قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئەمما بۇ ھەقتە سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىشى كېرەك. بۇ خىل يىغىنلار قانچىلىك كۆپ ئۇيۇشتۇرۇلسا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلىدۇ. بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز. بىز نۆۋەتتە غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىر نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز. يېقىندا بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ نامايىشىنى پۈتكۈل تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىمىز ۋە غۇلجا ۋەقەسىگە ئالاقىدار خىتايغا بولغان نارازىلىقىمىزنى نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز.

بىز يەنە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ كاتىپ ياردەمچىسى ئارۇف مەرگەن ئەپەندىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئارۇف مەرگەن ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە بۈگۈن ئىستانبۇل ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەرىپىدىن، شەرقىي تۈركىستان قان يىغلايدۇ ناملىق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى، بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ئاڭلىتىلدى. بۇ يىغىنغا ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆپ ساندا ئەزالىرى، سىرتتىن كېلىپ قاتناشقان ۋە شەرقىي تۈركىستاننى بىلمەيدىغان كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى زۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە قان قېرىنداش ۋە مەدەنىيەت بىلەن ياشىغان خەلق ئىكەنلىكى بۇ يەردىكى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈلدى، ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم بىر ئۆلكە. بۇ خىل يىغىنلارنىڭ كۆپ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى كىشىلەرنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە قىلىدۇ، ئىنسانلار شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ناھەقچىلىكلەر ھەققىدە قانچىلىك كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان ھېسداشلىقى شۇنچىلىك ئاشىدۇ. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان بېسىم، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلارغا قارشى چىقىدۇ. تۈركىستان ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولىدىغان بۇ خىل يىغىن-پائالىيەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا تارتىش ئۈچۈن بۇ خىل يىغىن، مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى بەك ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن.