ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە قار ئاپىتى ئۇلاندى

قىزىلسۇ ئۇلۇغچات يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئىككى كۈندىن بۇيان بۇ ئاپەت رايونلىرىدا قار يېغىپ، ھاۋا كېلىماتى تۇيۇقسىز تۆۋەنلىگەن.

0:00 / 0:00

بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا يەر تەۋرەشتە ئۆي ‏ - ماكانسىز قالغان چارۋىچى خەلق قوشلاپ ئاپەتكە دۇچ كەلمەكتە، كەپىلەردە ياشاۋاتقان ئاپەت خەلقى ئىسسىنىش، ئوزۇقلۇق قاتارلىق قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىغا جىددىي ئېھتىياج بولۇۋاتقان ئىكەن.

ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت

5 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىرغىزىستانغا چېگرىداش رايونى ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە شۇ جاي ۋاقتى كەچ 9:53 تە ‏ - كەچتە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ئىدى. تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش دەرىجىسى 6.8 بالغا يەتكەن. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە قەشقەر، ئاتۇشتا يەر تەۋرەش سېزىمى يېنىك، ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىدا كۆرۈنەرلىك بولغان. ئۇلۇغچات ناھىيىسى جىغىن يېزىسىدا كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكتىن ئادەملەر ئۆيدىن سىرتقا قېچىشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى توپا، شېغىل قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردىن چاك كەتكەن. خىتاي ئاگېنتلىقلىرىدا بۇ يەر تەۋرەشتە ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە تۆت ئۆي ئۆرۈلۈپ، 221 ئېغىز ئۆيگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاك كەتكەنلىكى، ئۆلۈم ‏ - يېتىم ئەھۋالى كېلىپ چىقمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى ئۇلۇغچات يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى ئۇچۇر ۋاستىلىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر بۇ يەر تەۋرەش رايونىدا قالدۇق يەر تەۋرەش ھادىسىسى توختىمىغاندىن باشقا، ئىككى كۈندىن بۇيان قاتتىق قار يېغىپ ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت بولۇۋاتقان ئىكەن.

ئۆيسىز قالغان ئامما چېدىر ھەم ئىسسىنىشقا جىددىي مۇھتاج

ئۇلۇغچات ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئۇلۇغچاتنىڭ جىغىن ۋە ساقال يېزىلىرىدا بىر قەدەر ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. مەزكۈر يېزىلاردىكى ئۆيى ئۆرۈلگەن 700 نەچچە ئائىلىلىك تېخى چېدىرلارغا تولۇق كۆچۈپ كىرمەي تۇرۇپلا، قار ھەم سوغۇق ئاپىتىدە قالغان بولۇپ، ئۇلۇغچات ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى فەن باۋجۈننىڭ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىغا تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچراپ ئۆيسىز قالغان يۈزگە يېقىن ئائىلىلىك چېدىر ۋە ۋاقىتلىق تۇرالغۇلارغا كۆچۈپ كىرەلىگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنىڭ ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمەسلىكى سەۋەبلىك، ئاپەتتە قالغان 600 يۈز ئائىلە تېخىچە كىگىز كەپىلەردە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما قار ھەم سوغۇق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاپەتتە قالغان چارۋىچى ئامما چېدىر، ئىسسىنىش بۇيۇملىرىغا، چارۋىلىرىنى قىشتىن ئۆتكۈزۈشكە كېرەكلىك يەم ‏ - خەشەك قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن.

- 5 ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى يەنە، قىرغىزىستان ھەمدە تىبەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن قىرغىزىستان تەۋەسىدە مەزكۈر يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلى ئۆلگەنلەر 75 نەپەرگە يەتكەن،يۈزگە يېقىن كىشى يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بىز ئۇلۇغچات ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە يەنىمۇ تولۇق مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، بىر نەپەر ياش كاتىپ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جاينىڭ ناھىيە سىرتىدىكى چارۋىچىلىق رايونلار ئىكەنلىكى بۇ ھەقتە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياردەم، ياردەم، ياردەم!

بىز يەنە ئۇلۇغچات ناھىيىلىك يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىنژېنېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۇ جىغىنغا بارغاندا ئۇ جايدا قار يېغىۋاتقان ئىكەن، ئۇ يەر تەۋرەش تەسىرىدىن ئۆيى ئۆرۈلگەن ھەمدە ئۆيى دەز كەتكەن كىشىلەرنىڭ چېدىرلاردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەكتەپلەرنىڭمۇ چېدىرلاردا دەرس باشلىغانلىقىنى كۆرگەن، بۇ كىشى يەنە قار ياققاندىن كېيىن بۇ جايلاردا تاغ سېرىلىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ 100 تۇياقتىن كۆپرەك قوتاز يۈتكەن، خېلى كۆپ ئات ‏ - ئۇلاق ۋە بەزى چارۋا ماللارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەرنىڭ ئۆلۈم ‏ - يېتىم ئەھۋالى ھەققىدە تېخى مەلۇمات يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيىلىك ھەمدە ئوبلاستلىق دائىرىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى جىددىي ئېھتىياجلىق بويۇملار كېچىكىۋاتقان ئىكەن.

بىز بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان ئۇلۇغچات ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى فەن باۋجۈنگە تېلېفون ئۇلىغان بولساقمۇ، ئۇ بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان تاغلىق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىن ساقال كەنتىنىڭ كەنت مەسئۇلىغا تېلېفون قىلدۇق.

جىغىن يېزىسىغا تېلېفونىمىز ناھايىتى تەستە ئۇلاندى. بىر قىرغىز چارۋىچى ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ھاۋانىڭ بەك سوغاق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى، ئاپەت يۈز بەرگەن يېزىلاردا يەنە ماكانسىز قالغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلى مېترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 14 - ئۆكتەبىر كەچتىن باشلاپ ئۇلۇغچاتتا بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قار ياققان بولۇپ، ئىككى كۈندىن بۇيان توختىماي ياغقان ھەمدە تېمپېراتۇرا كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىگەن، ئۇلۇغچاتنىڭ قىسمەن تاغلىق رايونلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 4 گرادۇسقا چۈشكەن.