ئۇنۇتۇلغان ناخشىلار (2)

ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھرىدە ياشاۋاتقان نازىم قامبەرى ئەپەندى بىلەن ئۇنۇتۇلغان ناخشىلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ بىرىنجى قىسمىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى تونۇشتۇرىمىز.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.01.07
Nazim-Qembiri-2-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻧﺎﺯﯨﻤﺒﯧﻚ ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

نازىم قامبەرى ئەپەندى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە، 1944 - يىلى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە 30 ئەتراپىدا ناخشا ئىجات قىلىنىپ ئوقۇلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ناخشىلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇنۇتىلىشقا يۈز تۇتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە 13 - 14 ياشلاردا ئىكەنلىكىنى، بۇ ناخشىلارنى ئۆز قولىقى بىلەن ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتتى.

نازىم قامبەرى ئەپەندى، 60 يىلدىن بېرى بۇ ناخشىلارنى ئۇنۇتمازلىق ئۈچۈن داۋاملىق ئوقۇپ تۇرغانلىقىنى، بۇ ناخشىلارنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق داۋاسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى رەتلەپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆھبىتىمىزدە، بۇ ناخشىلارنىڭ مەزمۇنى ۋە تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن باشقا ئۆزىنىڭ 5 يىللىق ھاياتىنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكەنلىكىنى ھەر ئويلىغان ۋاقتىدا مۇستەقىللىقنىڭ ئەركىنلىكنىڭ بىر ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

نازىم قامبەرى ئەپەندى بىزگە يەنە ئۇ ناخشىلاردىن ئارىيەلەرمۇ ئوقۇپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 07, 2010 01:14 PM

ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻡ ﺑﻪﻙ ﯬﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﯪﯕﻼﭖ ﺑﻪﻙ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ. ﺧﯘﺩﺍ ﺷﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﯸﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ.
ﻧﺎﺯﯨﻢ ﻗﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﯬﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻫﻪﻡ ﯪﻟﻼﻫﺘﯩﻦ ﯰﺯﯗﻥ ﯲﻣﯜﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﯴﭼﯜﻥ ﺧﯘﺩﺍ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﯜﭺ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ.

Anonymous
Jan 07, 2010 08:32 PM

ﯪﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﺭﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﯮﺭﻛﯩﺴﺘﯩﺮﺩﺍ ﭼﯧﻠﯩﻨﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﺭﺷﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻪﻳﻠﻰ ﯞﻩ ﯲﮔﻪﺭﺗﻤﻪﻳﻠﻰ، ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﺗﻮﻻ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﯞﻩ ﯬﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﺭﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ
ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ!

Anonymous
Jan 09, 2010 04:58 PM

ﻧﺎﺧﺸﻨﻰ ﺩﻩﺭﻫﻪﻝ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ..
ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺗﯧﯩﺨﯩﻤﯘ ﯪﺷﻘﯘﺳﻰ..