ئۇنۇتۇلغان ناخشىلار (2)

ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھرىدە ياشاۋاتقان نازىم قامبەرى ئەپەندى بىلەن ئۇنۇتۇلغان ناخشىلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ بىرىنجى قىسمىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى تونۇشتۇرىمىز.

0:00 / 0:00

نازىم قامبەرى ئەپەندى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە، 1944 - يىلى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە 30 ئەتراپىدا ناخشا ئىجات قىلىنىپ ئوقۇلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ناخشىلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇنۇتىلىشقا يۈز تۇتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە 13 - 14 ياشلاردا ئىكەنلىكىنى، بۇ ناخشىلارنى ئۆز قولىقى بىلەن ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتتى.

نازىم قامبەرى ئەپەندى، 60 يىلدىن بېرى بۇ ناخشىلارنى ئۇنۇتمازلىق ئۈچۈن داۋاملىق ئوقۇپ تۇرغانلىقىنى، بۇ ناخشىلارنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق داۋاسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى رەتلەپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆھبىتىمىزدە، بۇ ناخشىلارنىڭ مەزمۇنى ۋە تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن باشقا ئۆزىنىڭ 5 يىللىق ھاياتىنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكەنلىكىنى ھەر ئويلىغان ۋاقتىدا مۇستەقىللىقنىڭ ئەركىنلىكنىڭ بىر ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

نازىم قامبەرى ئەپەندى بىزگە يەنە ئۇ ناخشىلاردىن ئارىيەلەرمۇ ئوقۇپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.