ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاتاقلىق ژۇرنالىست ئامىر تاھىرى. ماقالىدە، تىبەت مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى سېلىشتۇرۇلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ زور تەھدىت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئاپتور ئامىر تاھىرى ئىراندا تۇغۇلغان، لوندون ۋە پارىژدا تەھسىل كۆرگەن، ئۇنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر بۇيىچە يازغان كىتابلىرى 20 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. ئاپتور" خىتايدىكى يەنە بىر ئۇنتۇلغان خەلق - ئۇيغۇرلار" ناملىق ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ : دۇنيا تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدىن تىبەتتىكى ۋەزىيەتنى كۆرۈۋاتقان چېغىدا ، بۇنىڭدىن ئېغىرراق ۋەزىيەتنىڭ خىتاينىڭ يەنە باشقا جايىدا مەۋجۇتلۇقىنى بىلمەي قالدى. ئەمەلىيەتتە خىتايدا ھەقىقىي ئۇنتۇلغان خەلق تىبەت ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇرلار.
شەرقى تۈركىستان 1949 - يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان
ئاپتور بۇ قارىشىنى دەلىللەش ئۈچۈن، تىبەتكە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىپ - چىقىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىبادەتخانىلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە دىنىي ئەركىنلىك بارلىقىنى ۋە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تىبەتتە قاتتىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئىمكانلاردىن تامامەن مەھرۇملۇقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ. ئۇيغۇرلار مەيلى ئېتنىك كېلىپ چىقىش، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن، خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ نامى شەرقى تۈركىستان، 1949 - يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.
ئاپتور ئۇيغۇرلار يولۇققان ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى، 1949 - يىلى رايوندىكى نوپۇس نىسبىتىدە %92 نى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە %46 گە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ: ئۇيغۇرلارنىڭ 1949 - يىلىدىكى نوپۇسى 18 مىليون دەپ خاتىرىلەنگەن، ھازىر 8 مىليون دېيىلىۋاتىدۇ. دېمەك ئۇيغۇرلاردىكى نوپۇس ئازىيىش رۇسىيىدىكى چېچەنلەردىنمۇ كۆپ. ئاپتور يەنە مۇنداق يازىدۇ: ئۇيغۇرلار دۇنيادا نوپۇسى كۆپەيمەيۋاتقان بىردىن - بىر مۇسۇلمان خەلق.
ئۇيغۇرلار 100 يىلدا 40 قېتىمدىن ئارتۇق ئىسيان كۆتۈرۈپ ئىنقىلاب قىلغان
ئامىر تاھىر ماقالىسىدە يەنە، شىنجياڭ دېگەن ئاتالغۇنىڭ خىتايچىدا يېڭى زېمىن، يېڭى چېگرا دېگەن مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئاسارەتكە چۈشكەندىن باشلاپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھەر قانداق پارتىيە ۋە گۇرۇھتىن ئۇيغۇرلارغا ياخشىلىق كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ھېچقاچان توختاتمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ 100 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 40 قېتىمدىن ئارتۇق ئىسيان كۆتۈرۈپ ئىنقىلاب قىلغانلىقىنى،بۇ جەرياندا ئىككى قېتىم شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى قۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور يەنە ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئازراقلا پۇرسەت تۇغۇلسا ئىسيان كۆتۈرۈپ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاپتور ئامىر تاھىرى لوندون ۋاقتى گېزىتى، ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى، ۋال ستىرىت ژۇرنىلى قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىت - ژۇرناللاردا، قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئاپتور؛ ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىدە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرىدۇ: نۆۋەتتە قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ، پاكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بار، بۇلار ھەر قېتىملىق ئىنقىلابتىن كېيىن ھىجرەت قىلغانلار. ئاپتور يەنە ئىنسان ھەقلىرى ھۆرمەت قىلىنمايۋاتىدۇ دەپ ئاتاشنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەققىنىڭ ھۆرمەت قىلىنماسلىقلا ئەمەس ، دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. توي قىلىش يېشىدىكى قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشىنىڭ مەقسىتى قانداقتۇر ئىش بىلەن تەمىنلەش ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن ئاپتور، 7 مىليون خىتاي كۆچمىنىنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدا ئىش ئىمكانىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ دىققەت - ئېتىبارى بېرىلىشكە تېگىشلىك بىر مىللەت
ئامىر تاھىرىنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا مۇتەخەسسىسلەشكەن ساھەسى تېررورچىلىق بولۇپ، ئۇ 1988 - يىلى يازغان ئۇلۇغ تېررور ناملىق كىتاب شۇ يىلنىڭ ئەڭ سەر خىل كىتابى بولۇپ باھالانغان. ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز دېگەندە تىبەتلىكلەرچىلىك دۇنيانىڭ دىققەت - ئېتىبارى بېرىلىشكە تېگىشلىك بىر مىللەت؛ ئەگەر خىتاينىڭ دېگىنىدەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېررورچىلار بار دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، بۇ قالپاق شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان پۈتۈن خەلققە كەيدۈرۈلمەسىلىكى ۋە پۈتۈن بىر مىللەت زۇلۇم ئالدىدا مۇداپىئەسىز قالماسلىقى كېرەك.
ئىرانلىق ژۇرنالىست ئامىر تاھىرىنىڭ خىتايدىكى يەنە بىر ئۇنتۇلغان خەلق - ئۇيغۇرلار" ناملىق ماقالىسى بېسىلغان، شەرق كۆۋرۈكى گېزىتى ئەنگلىيىدە نەشر قىلىنىدۇ، 4 قىتئەدە تارقىتىلىدۇ.