ئۇرال تاغلىرىدا قوزغالغان ئۇيغۇر قىزغىنلىقى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە كەڭ تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلار قوشۇنى يېتىشىپ چىقىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا پات-پات مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرماقتا ھەمدە بىر قىسىم كىتابلار ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنماقتا.

رۇسىيىدىمۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتى قايتا باشلانغان بولۇپ، يېقىندا رۇسىيىدىكى يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىدە بىر تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان.

يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىدە قۇرۇلغان تەتقىقات مەركىزى

ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۇنياسىدا تونۇلۇشقا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە رۇسىيىدىمۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا يېڭىدىن قىزىقىش باشلانغان، بۇ جەھەتتە موسكۋا، سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىق شەھەرلەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن باشقا يەنە رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە ۋە ئۇرال رايونلىرىدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

يېقىندا ئاسىيا-ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئايرىلىش نۇقتىسى ھېسابلانغان ئۇرال رايونىدىكى يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان ئۇرال دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر مەركەز قۇرۇلغان. بۇ مەركەزنىڭ تولۇق نامى "يىپەك يولى ئىلمىي-مائارىپ، ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەت مەركىزى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر مەركەز ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىدە ياشايدىغان ئالېكسېي ستاروستىن ئىسىملىك بىر ئاپتور يېقىندا پەرغانە تورىدا "ئۇرالنىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭ" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر مەركەز ئۇرال رايونىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر ئېلىنى تەتقىق قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ مەركەزنى ئاساسلىق ئۇرال دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئاسپىرانتلار باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات نىشانى ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتىلغان ۋە ئۇرال رايونىدىكى خەلقلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت كىملىكى ھەم ھازىرقى مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، رۇسىيە بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

"ئۇيغۇر رايونى خىتاي باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بىر زېمىن"

پەرغانە تۆرىدىكى بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر مەركەزنىڭ تەتقىقاتچىسى دمىترىي زھېبولوۋ ئۇراللىقلارغا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "بىز ھازىر تەتقىقاتىمىزنى مەركىزىي ئاسىيا ۋە خىتايغا قاراتتۇق، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئىككى چوڭ مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى ھېسابلانغان شىنجاڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ ئۇرالدىن ناھايىتى يىراق ھەم ئۇرالدا ئۇيغۇرلار يوق دېيەرلىك، بۇ مەركىزىمىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك كۈچىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە كىشىلەر شىنجاڭ ھەققىدە ئاساسەن ھېچ نېمە بىلمەيدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئۇلار ھېچ قانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، بىز بۇ رايوننىڭ نامىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز"

ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى رولىغا شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يىپەك يولىنىڭ ئاساسلىق تۈگۈنى ئىكەنلىكىگە باھا بېرىپ ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: "بۇ جاي يىپەك يولىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى، ئاساسلىق مەدەنىيەت، دىنىي ۋە ئېتنىك ئالاقىلەر دەل شىنجاڭ ئارقىلىق ئۆتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ باشقا مەدەنىيەتەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بىر -بىر زېمىندۇر"

ئۇرالدا ئۇيغۇر تىلىغا قىزىقىش بار

ئۇرال ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى دمىترىي زھېبولوۋ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىغا باھا بېرىپ، "ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى قىزىقارلىق تىل، بۇ ھازىرقى ۋاقىتتا ئەرەب يېزىقى ئىشلىتىۋاتقان بىردىنبىر تۈركىي تىلى ھەم بىۋاسىتە تۈرك قالغانلىق، قاراخانىيلار سۇلالىسى، تۈرك-موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ۋە تۆمۈرىلەر دەۋرىنىڭ تىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈركىي تىلىدۇر. ئۇرالدا ئۇيغۇر تىلىغا ئاجايىپ قىزىقىش قوزغىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس. بىز بۇ ساھەنىمۇ كەڭ تونۇتماقچىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

مەركەزنىڭ يەنە بىر تەتقىقاتچىسى ئېلېنا سىبىننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ساياھەتچىلىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ناھايىتى گۈزەل ۋە قىزىقارلىق جاي، ياۋروپالىقلار ۋە رۇسىيىلىكلەر ئاساسەن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيگە ئۇچىدۇ، ئەمما شىنجاڭ بىر چەتتە قالماقتا. "بىراق ئۇ يەردە تۈرك-مۇسۇلمان مەدەنىيىتىنىڭ ئۈلگىسى ۋە يادىكارلىقلىرىنى بار. ھازىر ھەر يىلى ئون مىليونلاپ خىتايلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا كەلمەكتە" دەيدۇ ئۇ سۆزىنى خۇلاسىلەپ.

رۇسىيە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ كونا مەركىزى

رۇسىيە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ كونا مەركەزلىرىدىن بىرى، رۇسىيە ئالىملىرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى كەڭ دائىرىلىك تەتقىقاتلىرىنى باشلاپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. رۇس ئالىملىرىدىن ۋ.رادلوۋ، ئا. كازېمبەك، ۋ. گرىگورىئېۋ، د. پوزدنېيېۋ، گرۇم گرىزھىمايلو، ئوبرۇچېۋ قاتارلىقلار 19-ئەسىرگە تەۋە رۇس كلاسسىك تەتقىقاتچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئېتنوگرافىيىسى بويىچە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تارتىپ تاكى 1990-يىللارغىچە بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مالوۋ، باسكاكوۋ، ناسىلوۋ، كلىياشتورنىي، تېنېشىپ، ۋاسىلىيېۋ قاتارلىق ئالىملار مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى، بولۇپمۇ قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىدا خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغۇدەك نەتىجىلەرنى يورۇقلۇققا چىقارغان ئىدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلەر ئارىسىدا تىخونوۋ، لىتۋىنسكىي، مالىئاۋكىن، كىلياشتورنىي، دۇمان، كۇزنېتسوۋ، چىۋىر، گۇرىيەۋىچ، ياكۇبوۋكسىي، زوتوۋ، ۋە باشقا ئونلىغان ئالىملارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا مەخسۇس" ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى"، تۆت توملۇق "قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى شەرقىي تۈركىستان"،" 18-19-ئەسىرلەردىكى مەركىزىي ئاسىيادىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر" دېگەندەك كۆپلىگەن كىتابلار نەشر قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر رۇس ئالىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى موسكۋا ۋە سانكىتپېتېربۇرگدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.