خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئۈرۈمچى "8 - ئىيۇل ۋەقەسى"

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىدە "چېنگۇاڭ باغچىسى" ئائىلىلەر قوروسىدىكى بىر بىنا ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، 5 ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى، 2 ياشنى يارىلاندۇرغانلىقى، " 8‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىكى ئۇيغۇرلارنى "غازاتچىلار" دەپ جاكارلىغانلىقى كىشىلەردە گۇمان قوزغىماقتا. ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ئانالىزچىلار بولسا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى "تاڭنۇرى باغچىسى" ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى بىر بىنا ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆيدىكى 15 نەپەر ئۇيغۇر قىز - يىگىتنىڭ 5 ىنى ئېتىپ تاشلىغان، 2 كىشىنى يارىلاندۇرغان 8‏ - ئىيۇندىكى ۋەقەنى ساقچىلارنىڭ "غازاتچىلار" غا قارشى مەردانە ھەرىكىتى، دەپ ئاقلىماقتا. لېكىن چەتئەلدىكى بەزى ئانالىزچىلار بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئوخشىمىغان تەنقىد ۋە پىكىرلەردە بولۇشماقتا. خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە ئوخشىمىغان قاراشتىكى خىتاي زىيالىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۈرۈمچىدىكى ۋەقە نۇرغۇن جەھەتلەردە كىشىنى گۇمانغا سالىدىغانلىقى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمىلىك، دەپ تەنقىد قىلدى.

ليۇ شاۋجۇ مۇنداق دەيدۇ، " بېرىلگەن خەۋەرلەردە پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەيدانى تەكىتلەنگەن. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ۋەقەدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەيدانى تەكىتلىنىپلا قالماي، مەملىكەت سىرتىغا باشقىچە، مەملىكەت ئىچىدىكى پۇقرالارغا باشقىچە چۈشەندۈرۈلدى. پۇقرالارنى كولدۇرلاتماسلىقى كېرەك. تاشقىرىغا بېرىلگەن خەۋەرلەردە باياناتچى ۋەقەنى 'غازات تەلىم تەربىيە كۇرسى ' دېدى. ئۇلارنىڭ 'تەگبىر' ئېيتقانلىقىنى، قىڭغىراقلار بىلەن ساقچىلارغا قارشى چىقىش جەريانىدا 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن بۇ سۆزلەر توغرىسىدا مەملىكەت ئىچىگە بىر ئېغىز تىنمىدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى،تەلىپى ۋە غازات ھەرىكىتى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىدى. پۇقرالار قايمۇقتۇرۇلدى. ئەسلى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش كېرەك ئىدى. مەن مەتبۇئات ۋە ئەدىلىيەنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىغا ئارىلىشىشى، ئاخبارات خەۋىرى پۈتۈنلەي ئاشكارا بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن. بۇ پاجىئەنىڭ كېلىپ چىققانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. لېكىن ئەسكى ئىشنى ياخشىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ يولى چوقۇم ئاشكارا، ئادىلانە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش. بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى چەكسىز كۈچ قوللىنىش ئەمەس، بەلكى قانۇن قائىدىلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتۇر".

يەرلىك دائىرىلەر شامالباغدىكى ۋەقەدە ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى ياشلارنىڭ ساقچىلارغا قىڭغىراقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى، ساقچىلارنىڭ قانۇندىكى ھوقۇقىغا ئاساسەن ئوق چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى ساقچىلارنىڭ 8 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىكى ھەرىكىتىنى " تەلۋىلىك" دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ،" مەن ساقچى تەرەپ زوراۋانلىق كۈچ ئىشلىتىش مەسىلىسىدە بەك ئاشۇرۇۋەتكەن، دەپ قارايمەن. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مېنىڭچە زوراۋانلىقنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك. ئەگەر ئۇيغۇر ياشلاردا قورال بولغان بولسا، قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن بولسا، بۇ بىر ئاز پۇت تىرەپ تۇرالايتتى. بۇنداق ئىشلار ئامېرىكىدىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار پەقەت بىر تال پىچاق كۆتۈرۈۋالغانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلانسا بولمايدۇ. ئۇلارنى ئوق چىقارماي بويسۇندۇرۇش پۈتۈنلەي مۇمكىن. چۈنكى سېنىڭدە قورال بار. سەن ئۇلارنى بويسۇندۇرالايسەن..." دەپ كۆرسەتتى. ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى "پۈتۈنلەي تەلۋىلىك " دەپ تەكىتلىگەن ليۇ شاۋجۇ، " بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق قول سېلىشى قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىدىكى تەكشۈرۈلۈشكە تېگىشلىك بىر قىلمىشتۇر... ئەگەر دائىرىلەر بۇ ۋەقەدە قانۇن - قائىدە ۋە تەرتىپلەر بۇيىچە ئىش قىلغان بولسا بۇ پاجىئەمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى " دەيدۇ.

ليۇ شاۋجۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، ۋەقەگە بەرگەن باھاسى شۇنداقلا خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋەقەنى خەۋەر قىلىش شەكلى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئەزەلدىن جىددىي بولغان مىللىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ليۇ شاۋجۇ مۇنداق دەيدۇ،" بۇ جىددىي مۇناسىۋەت ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئىدى. لېكىن جىددىي مۇناسىۋەت مەۋجۇت دېگەنلىك كىشىلەر بىر ‏ - بىرىنى قىرغىن قىلسۇن دېگەنلىك ئەمەس. دۇنيادا ئۆز ‏ - ئارا قىرغىنچىلىقنىڭ مەغلۇبىيىتىگە دائىر نۇرغۇن مىساللار بار. مەسىلەن، تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇش، ئافرىقىدا بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى توقۇنۇشلار بۇنىڭغا ئۆرنەك بولالايدۇ. بۇ جايلاردا قەبىلە - قەۋىملەر ئارىسىدىكى قىرغىنچىلىقلار خەلقنىڭ زور كۆلەملىك ئۆلۈم - يېتىمى ياكى قالايمىقان قىرغىنچىلىقىغا سەۋەب بولدى. ئۇنداقتا جۇڭگو ئۆزىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ تەجرىبە ‏ - ساۋاقلارنى قانداق يەكۈنلىشى كېرەك ؟ " ليۇ شاۋجۇ ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىش توغرىسىدا بىر قاتار تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى.

ليۇ شاۋجۇ، " بىرىنچىدىن، كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەك. مىللىيلارنىڭ پىكىر بېرىش، قوساق كۆپۈكى بولسا چىقىرىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىش لازىم. ئىككىنچىدىن، قانۇنغا ئاساسەن ئىش بېجىرىش. ئاتالمىش قانۇنغا ئاساسەن ئىش بېجىرىش دېگەنلىك ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى رادىكال كۈچلەر " غازات قىلماقچى"، " خەلىپىلىك قۇرماقچى" بولسا ئۇلارنى قانۇنغا ئاساسەن ئاشكارا ۋە ئادىلانە بىر تەرەپ قىلىشتۇر. ئۈچىنچىدىن، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش... پۇقرالارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئىپادىلەش ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز مىللىيلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلسىڭىز، نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى يۇمشاتقىلى بولىدۇ " دەيدۇ.