خىتاي قارشى تەرەپنىڭ قولىدا پىچاق بارلىقىنى، ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. قولىدا پىچاق بولغان كىشىلەرنى ساقچىلارنىڭ ئوق چىقارماي تۇرۇپ بويسۇندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوقمۇ؟ ئەگەر ئوق چىقىرىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى دېگەن تەقدىردىمۇ، 5 كىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشى قانداق ئەھۋال؟ مانا بۇ نۆۋەتتە ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئويلىنىش نۇقتىسىدۇر.
ئالدىقى پروگراممىلىرىمىزدا پىكىر بايان قىلغان بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر ۋەقەنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھەددىدىن تاشقىرى كۈچ قوللىنىشى دەپ كۆرسەتسە، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ۋاڭ لېچۈەننىڭ مۇقىملىق ئەندىشىسى بىلەن ئەسەبىيلىشىشى دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. ئاۋسترالىيىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى ھۈسەن ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىدىكى قارىشى يەنە باشقىچە. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەسىلە مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ياكى ئەسەبىيلىشىشلا ئەمەس، بەلكى مەسىلە رايوندىكى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۆتكۈرلىكىدە.
ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋەقە ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ئەمەس، ئۇيغۇر رايونى ئىشغال قىلىنغاندىن بېرى بۇ تۈر ۋەقەلەر يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلغانغا قەدەر يەنە يۈز بېرىدۇ. بۇ قېتىمقىسى پەقەت دۇنياغا ئاشكارىلانغىنى.
ھۈسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھەر قانداق مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ مەھكۇم مىللەتنى يوق قىلىشنى غايە قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما قوللىنىدىغان ئۇسۇللىرىلا پەرق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچىدە 5 ئۇيغۇرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىشى، جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىمۇ خىتاينى ئەيىبلىدى. ئەمما ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاسى يېتەرلىك بولمىدى.
خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى يىللاردىكىگە نىسبەتەن زور ئىلگىرىلىگەن باسقۇچتا بولسىمۇ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن يېتەرسىز ھالەتتە. مانا بۇ كۆز قاراشتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كەسكىن يوللار بىلەن داۋاملاشتۇرۇش تەرەپدارى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى 8 - ئىيۇل ۋەقەسى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى مانا بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ تەرەپدارلىرىنى كۆپەيتىشى ۋە ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي كۈن تەرتىپىگە ئەكىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.