بۇ جاي يەنە 7 - ئىيۇلدىكى ئايال ۋە بالىلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇلدا تۇتقۇن قىلغان ئەرلىرى ۋە ئوغۇللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تىنچلىق نامايىشى بىلەنمۇ دۇنيا مەتبۇئاتىدا كۈچلۈك دىققەت تارتقان ئالاھىدە نۇقتا بولۇپ قالدى.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا بۇ جايدىكى يەنە ئۇيغۇر ئائىلە ئاياللىرىغا مەخسۇس "ئانىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كۇرسى" ئېچىپ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ بارغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئات بەيگە مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا توختىماي قاتمۇ قات بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
ئۈرۈمچى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ، ئات بەيگە مەيدانىدىكى ئىش باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ بۇ رايوندا مەخسۇس " ئانىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش دەرسخانىسى قۇرۇپ " 200دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئانىغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش، دىنىي سىياسەتلەرگە ئەمەل قىلىش ھەتتا قانداق كىيىنىپ يۈرۈش ھەققىدە دەرس بېرىشكە باشلىغان.
ئات بەيگە مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ 80%تىدىن كۆپرەكىنى ياقا يۇرتلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سودا -سېتىق ۋە ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئائىلە ئىقتىسادىنى قامدىسا، ئاياللىرى ئاساسەن ئائىلىدە بالا تەربىيىلەش ۋە ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
خىتاينىڭ خەۋىرىدە ئات بەيگە مەيدانىدىكى بۇ ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆز ئالدىغا كىرىم قىلالايدىغان قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ كىيىنىش، يۈرۈش -تۇرۇش جەھەتتە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ياردەم قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيىلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى يازغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇر 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئات بەيگە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلساق، بۇ جاينى ئالاھىدە كونتروللۇققا ئالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئۈرۈمچىگە ئورنىتىلغان 40 مىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ 60ئى ئات بەيگە مەيدانىنىڭ ھەر بىر مەھەللە -كويلىرىنى كۆزىتىشكە قويۇلغان، مەخسۇس ساقچى پونكىتى قۇرۇلۇپ يۈزدىن ئارتۇق ساقچى ۋە كۆزەتچى، چارلىغۇچى خادىم ئىشقا چۈشكەن. ھەر بىر كوچا بېشىغا تەكشۈرۈش پونكىتى قويۇلغان ھەمدە مەھەللە كومىتېتلىرىدا مەخسۇس سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەيدىغان كادىرلار ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇ جايدا يەنە ئائىلە ئاياللىرىغىمۇ مەخسۇس كۇرس ئېچىپ سىياسىي ساپا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىزنى بۇلتۇرقى، ئات بەيگە مەيدانىدا بولۇپ ئۆتكەن ئانا - بالىلار نارازىلىق ھەرىكىتىنى ئەسلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ.
ئەسلەپ ئۆتسەك، يەنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 5 - ئىيۇل نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورال كۈچى بىلەن قانلىق باستۇرۇلدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئات بەيگە مەيدانىمۇ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئەڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلغان جايلارنىڭ بىرى بولدى. ئەينى چاغدا ئات بەيگە مەيدانىدىن رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگۈچى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنى ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، 15 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن ئات بەيگە مەيدانىدا ئەرلىرى، ئوغۇللىرى، ئاكا - ئىنىلىرىدىن ئايرىلىپ، ئىمكانسىز قالغان 300دەك ئۇيغۇر قىز -ئاياللىرى 7 - ئىيۇلدا خىتايغا قارشى تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. قۇچىقىدا بالىسى، يىغا -نالىسى بىلەن "ئەرلىرىمىزنى قويۇپ بېرىڭلار" دەپ يىغلىغان ئامالسىز قالغان ئاياللار، بېشىدا ئاق ياغلىق، "ئوغلۇمنى تۇتۇپ كەتتى" دەپ نالە قىلىۋاتقان ئانىلار، "گۇناھسىز ئاكا ئىنىلىرىمنى نەگە ئېلىپ كەتتىڭ" دەپ خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە ھەربىيلەردىن ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان مەردانە قىزلار ۋە تانكا - برونىۋىكلارنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان تۇرسۇنگۈلدەك باتۇر ئانىلارنىڭ سىماسى دۇنيا مەتبۇئاتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى.
ئات بەيگە مەيدانى تىلغا ئېلىنغاندا ھېلىھەم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ۋەكىل بولۇپ سۈرەتلەردە قېتىپ قالغان سىماسى نامايان بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئات بەيگە مەيدانىدا تۈرلۈك قىسمەتلەرگە ئۇچراۋاتقان بۇ ئاياللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداقتۇر " ساپالىق" قىلىمىز دەپ مەخسۇس كۇرسلارغا ئۇيۇشتۇرۇپ، روھىي بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىماقتا.
بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى رەئىسى زۇبەيرە خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى ساپاسىز كۆرسىتىۋاتقان ئات بەيگە مەيدانىدىكى شۇ ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە "ھەقىقىي ئۇيغۇر مىللىي روھىغا ئىگە غۇرۇرلۇق ساپالىق ئۇيغۇر ئاياللىرى" ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تارمىقىدىكى گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى رەئىسى گۈلنار ئوسمان خانىم بولسا، خىتاينىڭ ئات بەيگە مەيدانىدىكى ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىغا قاراتقان بۇ تەربىيىلەش ھەرىكىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىنىڭ ئەندىشىلىك ۋەزىيىتىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئانالىز قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.