ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھىسامىدىننىڭ ئىمزاسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش-باشقۇرۇش چارىسى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئېلان قىلغان ئىدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 58-نومۇرلۇق بۇ پەرمانى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆي چېقىش كۆچۈرۈش، شۇنداقلا يەر ئۆي سېتىۋېلىش نىزامىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، تەپسىلىي مەزمۇنى ئاشكارىلانمىدى.
ئەمما، بۇ پەرماننىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىپ تۈزەشنىڭ ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
رادىئومىزغا يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەش ھەرىكىتى تېخىمۇ جىددىي تۈس ئالغان بولۇپ، چېقىش دائىرىسى كېڭەيتىلگەندىن باشقا كەپىلىك ئۆيلەردىن باشقا سەل كونىراق، ھەجمى كىچىكرەك بولغان ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەر، ئائىلىلىك بىنالىرى ۋە رايونلىرىمۇ چېقىلىشقا ھەم كۆچۈرۈلۈشكە باشلىغان.
بۇ ھەقتە 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى مۇقىمسىز جاي دەپ قارىلىپ چېقىش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئىككى يىلدىن بۇيان چېقىپ تۈزەش داۋاملىشىۋاتقان ئات بەيگە مەيدانى (سەيماچاڭ) دا ئولتۇرۇشلۇق بىر ياش تىجارەتچى، ئۆز مەھەللىسىدىكى سېلىنغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئۆيلەرنىڭمۇ بۇ يىللىق چېقىش پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكىنى، ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ئاساسلىقى خوتەندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان تىجارەتچى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى كەپىلىك، مۇقىمسىز مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەشنى 2010-يىلى خەلق ئەمىن قۇرۇلۇش تۈرى قىلىپ بېكىتىپ، 2010-يىلىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى كەپىلىك ئۆيلەر مەھەللىرىنى «ئۈچ يىلدا تۈزەپ بولۇش، بەش يىلدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ بولۇش» نى ئېلان قىلدى. بۇ پىلان بويىچە جەمئىي 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۈرۈمچى دائىرىسىدە جەمئىي 234 كەپىلىك مەھەللىنى چېقىپ تۈزەشكە كىرىشكەن ئىدى.
2010-يىلى ئات بەيگە مەيدانى، تاشبۇلاق (خېيجاسەن) قاتارلىق 19 ئاساسلىق مەھەللىنى چېقىش پىلانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2011-يىلى يەنە 50 مەھەللە چېقىپ تۈزەلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى يىل جەرياندا 20 مىڭ ئاھالە ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يەنە 36 كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىشنى پىلانغا كىرگۈزگەن بولۇپ، كۆچۈرۈلىدىغان ئاھالە 10 مىڭدىن ئاشىدىكەن. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يامالىق، تاش بۇلاق، يۆجىڭگەي، ليۇداۋان، چىڭ فېڭلۇ قاتارلىق جايلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىش، كۆچۈرۈش ھەرىكىتى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى تېخى يېقىندىلا ئۈرۈمچى شەھىرىنى نوپۇسى بەش مىليونغا يېتىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئېلان قىلغان ئىدى شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە ئۈرۈمچىدە مېترو قۇرۇلۇشى باشلايدىغانلىقىمۇ مەلۇم، ئۇنداقتا ئۆي چېقىشنىڭ خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بۇلارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى ئۆي چېقىشقا مەسئۇل ئىشخانا بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت كادىرى ئۆي چېقىش داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ چوقۇم تاماملاش پىلانلانغان دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ پىلانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئەمما بۇ كادىر يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بەش مىليون نوپوسلۇق چوڭ شەھەر قىلىنماقچى ئىكەنلىكىدىن، مېترو قۇرۇلۇشىدىنمۇ خەۋىرى يوق ئىكەن.
گەرچە، بۇ كادىر كەپىلىك مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈش شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلاش، خەلقنى ياشاش مۇھىتى ياخشىراق، بىخەتەر ئۆيلەرگە كۈچۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىننىڭ-5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كەپىلىك مەھەللىلەرنى يەنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەشتىكى ھەقىقىي مۇددىئاسىنى ئاشكارىلايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھىسامىدىن 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاينىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ:
«5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چىڭ تۇتتۇق، ئۈرۈمچى شەھەر شەرقىي ئايلانما يول بازىرىدىكى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن ئىشسىزلار يىغىلغان كەپىلىك مەھەللىلەر، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ باشلامچىلىرى توپلانغان جاي، بۇ جايغا كۆپ مىقداردا مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ تۈزەپ، ئاھالىلەرنى بۇ مۇقىمسىز جايدىن بىنالىق ئۆيلەرگە كۈچۈرۈۋاتىمىز. بۇ ئىش خۇددى ھەرە ئۇۋىسىنى چۇۋۇغانغا ئوخشاش خەتىرى ئېغىر، كادىرلارغا بېسىم كۈچلۈك، پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىزگە نىسبەتەنمۇ زور رىقابەت، لېكىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش تەس.»