ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى

ئىستانبۇل بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىشى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي باشلاندى.

0:00 / 0:00

شاڭخەيدىن ئۇچقان ئايروپىلان ئۈرۈمچىدە ئىككى سائەت تۇرۇپ يولۇچى ئالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن ئۇدۇل ئىستانبۇلغا كېلىدىكەن.

بۇ ھەقتە تۈركىيە جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بەرگەن خەينەن ھاۋا يوللىرى شىركىتى مۇدىرى چېن مىڭ، شاڭخەيدىن ئۇچقان ئايروپىلاننىڭ ئىستانبۇلغا بېرىش ۋە ئىستانبۇلدىن قايتىشىدا ئۈرۈمچىدە ئىككى سائەت تۇرۇپ ماڭىدىغانلىقىنى، شاڭخەي پۇدوڭ ئايرودرومىدىن دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلاننىڭ سەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا قونىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەينەن ھاۋا يولى شىركىتىنىڭ مۇدىرى چېن مىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە، شاڭخەي-ئۈرۈمچى-ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بۇ ئايروپىلان قانىشىنىڭ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئاسماندىكى بىر كۆۋرۈكتەك رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ جەنۇبىي خىتاي ھاۋا يوللىرىمۇ ھەپتىدە 3 كۈن ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا ئايروپىلان قاتنىشى باشلايدىكەن. بۈگۈنگىچە تۈركىيىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا بارىدىغان، ئۈرۈمچىدىن تۈركىيىگە كېلىدىغان كىشىلەر تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن بېيجىڭ ئارقىلىق باراتتى، ياكى ئىستانبۇلدىن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە باراتتى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇل بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئۇدۇل ئايروپىلان قاتنىشىنى يولغا قويۇشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە پايدىسى بار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ھەر ساھەگە مەنسۇپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئالدۇق.