خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرلىرى40 مىڭدىن ئارتۇق كۆزىتىش كامېراسىنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا ئورنىتىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ھەر مىنۇت، ھەر سائەت كۆزىتىپ تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۈرۈمچى كوچىلىرىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرى بىلەن توشقۇزۇلىشى ئەنگلىيىلىك يازغۇچى گېئورگې ئورۋېللنىڭ «1984» ناملىق مەشھۇر سىياسىي رومانىنى ئىختىيارسىز كىشىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ.
1949-يىلى يېزىلغان بۇ روماندا، مۇستەبىت ۋە فاشىست ئوكيانىيە دۆلىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىمۇ قانداق كونترول قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ ئاناتومىيىسىنى ئۆگە-ئۆگىلىرىگە قەدەر ناھايىتى ئىنچىكە سىزىپ بېرىلىدۇ. بۇ روماندا، بىر -بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئارانلا تۇرىدىغان ئوكيانىيە (ئوكەئانىئا)،ياۋرۇئاسىيا (ئەئۇراسىئا)، شەرقى ئاسىيا (ئەئاستاسىئا)دىن ئىبارەت ئۈچ قۇتۇپقا ئايلانغان ئۈچ دۆلەتتىن سۆز ئېچىلسىمۇ، لېكىن ئاساسلىقى ئوكيانىيە دۆلىتىدىكى ئىنسانلارنىڭ تراگېدىيىلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ.
بۇ ئۇچ دۆلەت ساقچى دۆلەتلىرى بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشتىكى مەقسىتى قانداقتۇر ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىشلەپچىقىرىلغان قورال-ياراقلارنى خورىتىش. قىسقىسى،ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى يوق قىلىش. ئۇلار قورال-ياراقلارنى يېڭىلاش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈنلا يۇقىرى تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. 20-ئەسىردىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇستەبىت دۆلەتلەرگە بەزى ئىمكانىيەتلەرنىمۇ ئاتا قىلغان قىلغان بولۇپ،رادىئو بىلەن تېلېۋىزىيە دىكتاتورلارنىڭ مىزانلىرى ۋە ئاتالمىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرىگە ئايلاندى.
گېئورگې ئورۋېللنىڭ «1984» ناملىق بۇ رومانىدا تەسۋىرلەنگەن خىيالى ئوكيانىيە دۆلىتى تېلېۋىزىيىنى تەشۋىقات ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ھۆرلۈكىنى بوغىدىغان ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. ئوكيانىيە دۆلىتىگە بېگ برادېر يەنى چوڭ ئاكا دەپ ئاتىلىدىغان بىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
چوڭ ئاكا دۆلەتنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئورنىتىلغان تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرى ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى، ئېغزىدىن چىققان ھەر بىر سۆزى، ھەتتا ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى كۆزىتىدۇ ياكى ھەر ۋاقىت بۇلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ شۇنداقلا بۇلار رەسمىي ئورگانلار تەرىپىدىن ئارخىپلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىنىڭ ئاستىغا «چوڭ ئاكا سىزنى كۆزەتمەكتە» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش خەتلىرىمۇ يېزىلغان بولىدۇ. لېكىن، بۇ تېلېۋىزورلارنىڭ ئاۋازىنى كىچىكلىتىش ياكى ئۇنى ئۆچۈرۈش تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ھەتتا، ئىنسانلار چوڭ ئاكىنىڭ كۆزىتىش ۋە نازارەتلىرىنى چىڭ كۆڭلىدىن خالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن.
قىسقىسى، پۈتۈن ئوكيانىيىلىكلەر تېلېۋىزور ئېكرانلىرى ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ، نازارەت قىلىنىدۇ. ئوكيانىيە بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇستەبىت دۆلەت بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىڭسوس پارتىيىسى كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي سەزگۈ-تۇيغۇلىرى ۋە ۋىجدانىنى يوق قىلىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنى ئۆزلىرىنىڭ مىزانلىرىغا سالغانلىقتىن، بۇ ئىنسانلار ئادالەت، ھۆرلۈك-ئەركىنلىك، دۆلەت،ئىنقىلاب، ئىسيانغا ئوخشاش سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئەسلى مەنىسىنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ ياكى بۇلارنى تەتۈر مەنىسى بىلەن چۈشىنىدۇ. پارتىيىنىڭ ئۈچ مۇھىم شوئارى بولۇپ،بۇلار: «ئۇرۇش تىنچلىق دېمەكتۇر، ھۆرلۈك قۇللۇقتۇر، بىلىمسىزلىك كۈچتۇر». ئالايلۇق، بۇ دۆلەتتە ئۇرۇشقا مەسئۇل ئورگاننىڭ ئىسمى تىنچلىق مىنىستىرلىقى،ھاكىمىيەتنىڭ يالغان-ياۋداقلارنى تارقىتىدىغان ئورگىنىنىڭ ئىسمى ھەققانىيەت مىنىستىرلىقى،ئىنسانلارغا قىيىن-قىستاق قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا جازا بېرىدىغان ئورگاننىڭ ئىسمى بولسا، سۆيگۈ مىنستىرلىقىدۇر.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە ئەڭ مۇكەممەل بىر دۇنيا قۇرۇپ چىققانلىقىنى ۋە ھەر يەرنى گۈل-گۈلىستانلىققا ئايلاندۇرغانلىقىنى ھېچبىر زامان ئېغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.
گېئورگې ئورۋېللنىڭ «1984» ناملىق رومانىدا بايان قىلىنىشىچە، ئوكيانىيە دۆلىتىدە ئەسلىدە بار تارىخ يوق قىلىنىپ،داۋاملىق يېڭىدىن يېزىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ تارىخ ئېڭى مەقسەتلىك زەئىپلەشتۈرۈلىدۇ. چۈنكى تارىخ بىلىمى ئاز ياكى يوق بولغاندا ئىنسانلارنى باشقۇرۇش ئاسانغا توختايدۇ. ئەگەر بىر پارتىيە ئەزاسى خاتالاشسا ياكى ئۇ يوقىتىلسا،ئۇنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بۇرۇنقى ماقالىلىرى ۋە رەسىملىرى دەررۇ ئۆچۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ. پارتىيىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە ئازراقلا يات كۆز قاراش ئوتتۇرىغا چىقسا، شۇ ھامان ئۇنى ئۆزگەرتىپ، ھاكىمىيەتكە پايدىلىق نەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ.
قىسقىسى، ئۇلار تارىخنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق،دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ئېغىر گۇناھ ئوي-پىكىر جىنايىتى، ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلات بولسا، ئوي-پىكىر ساقچىلىرىدۇر ئوي-پىكىر ساقچىلىرىنىڭ ھەر يەردە كۆز-قۇلاقلىرى بار بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئىنسانلارنىڭ تېلېفونلىرىنى يوشۇرۇن تىڭشايدۇ، ئىنسانلار خالى يەرلەردىمۇ كۆزىتىش كامېرالىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. پۇقرالارنىڭ رەسمىي ئىدېئولوگىيىگە بولغان ساداقىتى داۋاملىق تەكشۈرۈلىدۇ ۋە ئۇلار ئۆتكەمىلەردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، غالۋىرلاردا تاسقىلىدۇ. چوڭ ئاكىغا قارشى كىچىك بىر ھەرىكەتتە ياكى باشقىچە پىكىردە بولغانلار ۋە دۆلەتنىڭ رەسمىي ئىدېئولوگىيىسىنىڭ سىرتىغا چىققانلار يۈزلىرىدىكى كىچىك بىر ئىپادىلەردىن بايقىلىپ،يوق قىلىنىدۇ. يوق قىلىنغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆتمۈشى دۆلەتنىڭ ئارخىپىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىپ، ئۇلار زادىلا مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ.
روماندا تەسۋىرلەنگەن ئوكيانىيىدە پەقەت بار دېيىلسە، بىرلا گېزىت چىقىدۇ. ئەمما، بۇ گېزىتتە راستقا ۋە ھەقىقەتكە ھېچ ئورۇن بېرىلمەيدۇ ياكى ئۇ قىپقىزىل يالغان بىلەن توشتۇرۇلىدۇ. ئالايلۇق، بۇ گېزىتكە چىققان بىر خەۋەر دۆلەت تەرىپىدىن توغرا ئەمەس دەپ قارالسا ياكى ئۇلارنىڭ دىتىغا ياقمىسا، بۇ خەۋەر دەررۇ ئالماشتۇرۇلىدۇ ۋە خەۋەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق پاكىتلار يوق قىلىپ تاشلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى زادىلا ئاڭقىرالمايدۇ. ئوكيانىيىدە ئىنسانلار 3 تەبىقىگە ئايرىلغان بولۇپ، ھەر تەبىقىنىڭ ياشايدىغان ماكانلىرى، كىيىدىغان كىيىم-كېچەكلىرى ۋە يەيدىغان-ئىچىدىغانلىرى بىر -بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلامنى پرولېتارىيات تەبىقىسى تەشكىل قىلغان.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان پرولېتارىيات تەبىقىسىنى ھاماقەتلەر دەپ قارايدۇ ۋە ئۇلارنى ھايۋان بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پرولېتارىيات سىنىپىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقى ۋە ئۆپچۆرىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋەرسىز قالغانلىقى ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرۈش ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ. لېكىن، بۇ ئىنسانلارمۇ بۆشۈكتىن مازارغىچە كۆزىتىلىش ۋە نازارەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇ دۆلەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار مەلۇم بىر ياشتىن كېيىن،ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېلىنىپ،دۆلەت ياتاقلىرىدا تۇرغۇزۇلىدۇ ۋە ئۇلار دۆلەتنىڭ تەشۋىقاتى ئاستىدا چوڭ قىلىنىدۇ.
گېئورگې ئورۋېللنىڭ رومانىدىكى ئوكيانىيە دۆلىتىدە ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋوللۇق دۈشمىنى گولدستېئىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھەرقانداق بىر رەزىللىك بىلەن باغلىنىدۇ. بۇ دۆلەتتە ئىنسانلارنى ھەر زامان بېسىم ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى «ئىككى مىنۇتلۇق نەپرەت» ياغدۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، «گولدستېئىنچىلارنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش» شوئارلىرى توۋلىنىدۇ. يىلنىڭ ئىچىدىكى، «نەپرەت ھەپتىسى» دە، قولغا چۈشكەن دۈشمەنلەر ۋە ئوي-پىكىر جىنايەتچىلىرىلىرىگە خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرى ياڭرايدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ خوجايىنى چوڭ ئاكىنىڭ ئادالىتىگە مەدھىيىلەر ياغدۇرۇلىدۇ... گېئورگې ئورۋېللنىڭ 1949-يىلى يېزىلغان «1984» ناملىق بۇ سىياسىي رومانىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كوممۇنىست مۇستەبىت تۈزۈمى ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ،لېكىن بۇ روماندىكى ۋەقەلىك-دېتاللار ئۇيغۇر خەلقىگە يات ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلا نۆۋەتتە يەنىلا بۇ روماندىكى ۋەقەلىكلەر ئىچىدە ياشىماقتا. ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا ئورنىتىلغان كامېرالار بۇلاردىن بىرى.