ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ھەرقايسى ئوبلاست ۋىلايەت شەھەرلەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ بىكار ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بېرىشىگە بىر قاتار چەكلىمىلەر قويۇلغان. ئۇندىن باشقا يېقىندىن بۇيان باشقا يۇرتلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا نازارەت ۋە چەكلىمىلەر تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى. دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە بولغان نازارەت قايتىدىن كۈچەيتىلگەن. مەسچىتلەردە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئورنىتىلغاندىن باشقا مەسچىتتە ئىشلىگۈچى ئىمام-مەزىن قاتارلىق دىنىي خادىملارغا ئايرىم ۋەزىپە بېرىلىپ، مەسچىتكە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ ساقچى ئورۇنلىرىغا خەۋەر قىلىش تەلەپ قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە چەتئەلدە تۇغقانلىرى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، دۆلەتنىڭ ئەيىبىنى ئاچماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىمۇ يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەتنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
تەڭرىتاغ رايونلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ ئۇلار تەڭرىتاغ رايونىغا سىرتتىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى تىزىملاشنى كۈچەيتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىجارە ئۆي ئالماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچى ھەم ئاھالە كومىتېتىغا ئۆز يۇرتلىرىدىكى ساقچى ئىدارىلىرى تەمىنلىگەن «جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى يوقلۇقى ھەققىدىكى ئىسپاتنامىسى» نى كۆرسىتىشى شەرت قىلىنغان.
دىلشات رىشىت ئۆز بايانىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت سۆزىدە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا پەقەت ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارە ئېلىش جەھەتتىلا چەكلىمە قويۇلۇپ قالماستىن، بەلكى ئۈرۈمچىدىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇس بېكىتى، مېھمانخانا قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە سىرتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى شەرت قىلىنغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ساقچىخانىلاردىن ئېلىپ كەلگەن «جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى يوقلۇقى ھەققىدىكى ئىسپاتنامىسى» بولۇش شەرت قىلىنغان ئىكەن.
دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، ئۆتكەن شەنبە يەنى 11-ئىيۇن تەڭرىتاغ رايونىغا قاراشلىق جەنۇبىي قوۋۇقتىكى خەلق تىياتىرى ئالدىدا بىرنەچچە نەپەر ئۇيغۇر ياش «قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردى» دېگەن باھانىدە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىمۇ بۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ كېتىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر مەنبەلىرىدىمۇ رايون مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى مەلۇماتلار بېرىلدى. «تەڭرىتاغ تورى»نىڭ تۈنۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ، 1-ئىيۇل پارتىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىسىدە ئومۇمى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم ۋە تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، جەمئىيەتتە تىنچ-ئىناق كەيپىيات يارىتىش، ئىدارە-جەمئىيەت مەكتەپلەردە بىر جۇڭگو ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدھىيىلىنىدىغان مەزمۇندىكى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىش» نى تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشۋىقات ھەم نازارەتنى كۈچەيتىشىدىكى ئاساسى مەقسەتنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»نىڭ ئىككى يىللىق ھارپىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.