ئۈرۈمچى پارتكومىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

جۇ خەيلۈن بەرگەن ئۈرۈمچى پارتكوم خىزمەت دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسلىق چوڭ قارار ۋە ئۆزگىرىشلەر 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاساس قىلىدىكەن.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى خەۋەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 25-سېنتەبىر ئۈرۈمچى پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا قايتىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن جۇ خەيلۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومى 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ بەش يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 11-بەش يىللىق پىلانىنى ئاكتىپ ۋە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ، رەسمىي دوكلاتىنى «بۇ بەش يىل جەريانىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىدەك قان ۋە ئوتتەك سىناقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق» دەپ باشلىغان. ئۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ سىناقتىن تېز ئارىدا ئەسلىگە كېلىپ سىياسىي ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ساقلاپ كېلىنگەنلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىككە تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ئۈرۈمچى پارتكومنىڭ بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى، ئىقتىسادنىڭ ئۆرلىشى، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ شىددەت بىلەن ئىلگىرىلىشى، ئىجتىمائىي كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتى، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشى، ئىدىيە ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ بارغانچە يۈكسەلگەنلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەنلىكى، پارتىيە قۇرۇلمىسىنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكى قاتارلىق يەتتە تەرەپتىن يەكۈنلىگەن.

ئۇنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ ئومۇمىي مالىيىسىنىڭ ئۆسۈشى بۇ بەش يىلدا ئىلگىرىكى بەش يىلدىكىدىن بىر ھەسسە قاتلانغان بولۇپ ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6489 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى ئىككىنچىسى سانىلىدىكەن.

شەھەر قۇرۇلۇشىغا بۇ بەش يىلدا ئاجرىتىلغان مەبلەغ 27.5 مىليارد يۈەن بولۇپ، 10-بەش يىللىق پىلاندىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەن. بۇنىڭدا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كېپىللىك مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئاساسەن يۈز پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

جۇ خەيلۈن دوكلاتىدا ئىجتىمائىي ساھەدە قازانغان ئەڭ زور نەتىجە سۈپىتىدە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جەمئىيەت پاراۋانلىق، سۇغۇرتا، داۋالىنىش، سەھىيە، ئەمگەك ۋە مۇلازىمەت، خىزمەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىشلىنىپ، ئۈرۈمچىدە شەخسىي ئاپتوموبىل سېتىۋالغان شەخسلەرنىڭ 250 مىڭغا يەتكەنلىكىنى مىسالغا ئالغان ھەم بۇ بەش يىلدا جەمئىي 271 مىڭ ناھىيە بازار نوپۇسىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن، شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ كوچا باشقارمىلىرىدىن باشقا مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتلىرىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ مۇقىملىق، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشتا نەتىجە يارىتىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەدەنىيەتلىك شەھەر قۇرۇشتا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەتلىك، سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىشىنى كۈچەيتىلگەنلىكىنى سۆزلىگەن، شۇنىڭدەك يەنە ئاساسلىقى كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشقا قارىتىلغان يېڭى سىياسەت تەدبىرلەر ئارقىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ باشقۇرۇش رولىنىڭ تېخىمۇ ئەكس ئەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇھىمى جۇ خەيلۇن يەنە جەمئىيەت مۇقىملىقى جەھەتتە چارلاش، بۆلۈپ باشقۇرۇش، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە ئوخشاش تەدبىر چارىلەر ئارقىلىق ۋە داۋاملىق "ئۈچ خىل كۈچلەر"نى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ھەم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى كۈچەيتىش بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقىغا،مۇقىملىققا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ باش كۆتۈرمەستىلا ھەل قىلىنىپ، بۇلارنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى پارتىيە كادىرلىرىنى تەربىيىلەشتە چىڭ تۇرۇپ پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ھەر قايسى خىزمەتلەردە خەلقنىڭ ماھىللىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى خۇلاسىلىگەن.

ئەمما ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك 5-ئىيۇل ۋەقەسى ئۈرۈمچىدە، خىتاينىڭ 11-بەش يىللىق پىلانى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلىنىڭ ئوتتۇرا پەيتىدە يۈز بەرگەن ئىدى. ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۈرۈمچى پارتكومىنىڭ يۇقىرىقى دوكلاتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىسپات سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باراۋەر سىياسەت قوللانمىغانلىقى، ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسىلىلىرىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، خىتاي نوپۇسىنىڭ يەرلىك نوپۇسنىڭ ھەقلىق مەنپەئەتلىرىنى ئىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قايتۇرۇلغان نارازىلىق ئىنكاسى ئىدى. ئەمما ئۈرۈمچى پارتكومى بۇ بەش يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىدە مەزكۇر ۋەقەدىن ھېچقانداق ئەمەلىي ساۋاق ئالمىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، بۇنىڭدا خەلقنىڭ شۇ خىل نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ياكى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش تىلغا ئېلىنمىغان، ئەكسىچە-5 ئىيۇلغا ئوخشاش نارازىلىقلارنىڭ قايتا كۆتۈرۈلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق قاتتىق تەدبىرلەر ئېلىنغانلىقىدىن خۇلاسە چىقىرىلغان.

ئەڭ يېڭى ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۈرۈمچىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسى ئۈچ مىليوندىنمۇ ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتايلار ئىككى مىليون 331 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن يەنى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 74.91%tini خىتاي نوپۇسى ئىگىلەيدىكەن، ستاتىستىكىدا ئۈرۈمچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 25.09% نى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۈرۈمچى پارتكومىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن نۇقتىلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەم زىيالىيلاردا قايتا تەنقىد ھەم نارازىلىق قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلار خىتاي نوپۇسىغا قارىتىلغان بولسا، مۇقىملىق، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشتىكى تەدبىرلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.