ئۈرۈمچىدە: ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تېنچلىق نامايىشى، خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتى

ئۈرۈمچىدىكى 5 ‏ - ئىيۇل نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشقا چېتىشلىق دەپ قارىغان 1400 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. خىتاي ئاخباراتى 5 ‏ - ئىيۇل نامايىشى ھەققىدە تەرەپبازلىق بىلەن خەۋەر بېرىپ، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قۇتراتقان.

0:00 / 0:00

نەتىجىدە بۈگۈن يەنى 7 ‏ - ئاينىڭ 7 - كۈنى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ تۇتقۇن قىلىنغان بالىلىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا 1000 غا يېقىن خىتاي ئاھالىسى كالتەك - چوماق بىلەن توپلىشىپ يۈرۈش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت ۋە ئىش سورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ نامايىشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئات بەيگە مەھەللىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. 300 گە يېقىن ئايال " بىزگە ئەركىنلىك كېرەك"، " بالىلىرىمىزنى قويۇۋىتىڭلار" دەپ شوئار توۋلىغان. ئۈرۈمچىدىكى ئاياللار نامايىشى نەق مەيداندىكى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. خەلقئارا خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئەسكەرلىرى يۇقىرى ئاۋازلىق رادىئو كانىيى بىلەن نامايىشچىلارغا خىتاپ قىلىپ، نامايىشچىلارنى مەيداندىن تارقىلىشقا بۇيرىغان.

ئاياللارنىڭ يىغا زارە ۋە شۇئار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى جاۋابسىز قالغان. تولۇق قوراللانغان مىڭلىغان خىتاي ئەسكىرى ئايال نامايىشچىلارنىڭ قوپاللىق بىلەن يولىنى توسىغان. نامايىشچىلار ئىچىدىكى غەزەپلەنگەن بىر نەپەر ئايال خىتاي ئەسكەرلىرىگە قارىتىپ پۇتىدىكى ئايىقىنى ئاتقان؛ يەنە قولىدا ھاسا تاياق تۇتقان بىر موماي ، نامايىشچىلارغا قاراپ ھەرىكەتلىنىۋاتقان برونىۋىكنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈرگەن ۋە برونىۋىكنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان.

خىتاي ئەسكەرلىرى ئاپشاركا ۋە سۇ پۈركۈش ماشىنىسى بىلەن ئايال نامايىشچىلارغا تەھدىت سالغان. ئايال نامايىشچىلار بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى ئارىسىدىكى سۈركۈلۈشنى كۆرگەن بىر قىسىم ئەركەك يولۇچىلار، نامايىشقا ئارىلىشىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىگە قارشى ئورتاق كۈچ كۆرسەتكەن. بۇ قېتىمقى ئاياللار نامايىشىغا بالىلار ۋە بوۋايلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

بۈگۈن يەنە ، چۈشتىن كېيىن سائەت 2 مەزگىلىدە 1000 غا يېقىن خىتاي ئاھالىسى ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىغا توپلانغان. كالتەك - چوماق بىلەن قوراللانغان بۇ كىشىلەر ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ۋە جامائەت سورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

خەلقئارا خەۋەرلەردە خىتاي ھۇجۇمچىلارنىڭ يۈرۈش قىلىۋاتقان، ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بېرىلمەكتە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بايان قىلىنماقتا. غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر، خىتاي ھۇجۇمچىلارنىڭ كۆزى كۆرگەن ئۇيغۇرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرىغا ئوت قويغانلىقىنى ۋە ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلاردىن ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما ھازىرغا قەدەر ، خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرماقتا.

ئۈرۈمچى ئاھالىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇگۇن ئۈرۈمچىدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا سۈركىلىش پەيدا بولغان، بۇ سۈركىلىشنىڭ ھەر ۋاقىت توقۇنۇشقا ئايلىنىش ئېھتىمالى كۆرۈلمەكتە. بۈگۈن مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلىرى، كوچىغا چىقىپ خىتاي ھۇجۇمچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان؛ ئەمما خىتاي ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغان.

يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ كونسۇل كوچىسىدا يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ھۇجۇمچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتكەن.

بۈگۈن بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە چۈشكەن بىر ئۇيغۇر يولۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئايروپىلاندا، كۈتكۈچىلەردىن باشقا خىتاي يولۇچىلارنى كۆرمىگەن. بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان پويىزلار يولۇچى يوقلۇقى سەۋەبىدىن سەپەردىن توختىغان.

بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ۋەقەنى چەتئەلدىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئۇلغايتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ يەنە خىتاي ھۇجۇمچىلارغا سۆز قىلىپ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشنى ھۆكۈمەتكە قويۇپ بېرىشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە سادىر قىلغانلارنى جازالاشقا قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي زوراۋانلىق قىلغۇچىلارنى ۋەقەدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىۋالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېنچلىق شەكلىدىكى نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن توقۇنۇشقا ئايلاندۇرغانلىقىنى ۋە قانلىق باستۇرغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى بىلدۈردى.