خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنى كېڭەيتىپ، ئاھالىسىنى 5 مىليونغا يەتكۈزۈش پىلانى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى كەلگۈسى 10 يىلدا 5 مىليونغا كۆپەيتىپ، ئۈرۈمچىنى «خەلقئارا سودا مەركىزى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى 2 يېرىم مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىسىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى مەزكۇر شەھەردىكى ئومۇمى نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 27% نى ئىگىلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنى كېڭەيتىشنى، 2020-يىلغا بارغاندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى نوپۇسىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىپ، 5 مىليونغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىننىڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر پىلان ئۈرۈمچى شەھىرىدە خەلقئارا ئۆلچەمگە توشىدىغان ئىككى يېڭى رايون تەسىس قىلىش، ئۈرۈمچى پويىز ۋوگزالىنى كېڭەيتىش، دىۋوپو ئايرودرومىغا يېڭى ھاۋا يولى تېرمىنالى قۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر يېڭى ئايرودروم سېلىش، ئۈرۈمچىنىڭ-لەنجۇ ئارىسىغا يەنە بىر تۆمۈريول لىنىيىسى ياتقۇزۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدىكى شۇنداقلا ئۈرۈمچى بىلەن غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدىكى قاتناش ئالاقە تورىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە قۇلايلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە مەزكۇر پىلاننىڭ ئۈرۈمچىنى خىتاينىڭ غەربىدىكى «مەركىزى شەھەر» ۋە شۇنداقلا غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «خەلقئارا سودا مەركىزى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دائىرىلەر 2020‏-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسى بىر ھەسسە كۆپەيتىلىپ، 5 مىليونغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ نوپۇسنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى يۆتكەمدۇ ياكى ئىچكىرىلىك خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بەرمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانى ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. قۇرۇلتاينىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانى كىشىنى «چۆچىتەرلىك» بىر پىلان، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر پىلاننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى ئىستراتېگىيىلىك مۇددىئاسى بار. ئىچكى ئىستراتېگىيىلىك مۇددىئاسى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ، رايوندا ئۇلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى تۇرغۇزۇشتۇر. قەھرىمان غوجامبەردى، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى سىياسىي‏-ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىنى ئىلگىرىلەپ ئاجىزلىتىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي خاسلىقىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ۋە ياكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا بۇنىڭغا قانچىلىك مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى، مەبلەغنىڭ قانچىلىكىنى يەرلىك، قانچىلىكىنى مەركىزى ھۆكۈمەت چىقىرىدىغانلىقى شۇنداقلا بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق نەرسە تىلغا ئېلىنمىغان. ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ئانالىزچىلار، ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھوقۇق ۋە بايلىق تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر بۇ ئادالەتسىزلىك ئۆزگەرتىلمىسە، بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ يەنە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ياڭ لىيۈي ئەپەندى، ئەگەر ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرمەكچى بولسا، رايوندىكى يۇقىرىقىدەك زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۇيغۇرلارغا بېرىشى، خىتاي كارخانىچىلار بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان چوڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگو ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان ھەر قايسى ئۆلكە ۋە رايونلار نۇرغۇن ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. بۇ جەرياندا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى بەزى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر بەھرىمەن بولالمىدى.

شىنجاڭدا، شىزاڭدا تەرەققىيات مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەنزۇلار. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، ۋېنجۇ گۇرۇھى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سودا مەنپەئەتدار گۇرۇھى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن قالسا نىڭبو گۇرۇھى، جياڭزې گۇرۇھى دېگەنلەر. ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردىن چوڭ كارخانىلار چىقمىدى. نېمە ئۈچۈن ئۇلاردىن چوڭ كارخانىچىلار چىقمايدۇ؟ چۈنكى كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تەربىيىلىمىگەن.»

ياڭ لىيۈينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى رىقابەت كۈچى ئاجىز بۇنداق ئەھۋالدا بۇ خىل زور كۆلەملىك مەبلەغ ۋە قۇرۇلۇش تۈرى يەنىلا خىتايلارنى مەنپەئەتدار قىلىدۇ خالاس.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مول نېفىت زاپىسى ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا ئىگە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك رايون بولۇپلا قالماي، جۇغراپىيىلىك ئورنى نۇقتىسىدىنمۇ 10 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جايدۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىنى «خەلقئارا سودا مەركىزى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا كېڭىيىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۈرۈمچىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئۈرۈمچى نوپۇسىنى 5 مىليونغا يەتكۈزۈپ پىلانىغا دائىر خەۋەر ۋە بايانلىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرى ھازىرقى كۆلىمى بىلەن دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ، شۇ قاتاردا مۇھىت ۋە ھاۋا بۇلغىنىشى، قاتناش، سۇ مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. يۇقىرىقى مەسىلىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەل قىلالمايۋاتقان مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئىچىدە سۇ يېتىشمەسلىك ۋە ئۈرۈمچىنىڭ كۆمۈرلۈك يەر ئاستى قاتلىمى جىددىي ئويلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر. ئۈرۈمچىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان نۆۋەتتىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى تەڭرىتېغى 1‏-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمىدۇر. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر مۇز قاتلىمىنىڭ جىددىي ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۈرۈمچىدە ئاھالە كۆپەيسە، قاتناش مەسىلىسى ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ كۆمۈرلۈك يەر قاتلىمى يەر ئاستى پويىز يولى ۋە ئاسمان پەلەك بىنالارنى كۆتۈرۈشلۈك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلىشتا يۇقىرىقى ئامىللارنى قانچىلىك ھېسابقا ئالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. دائىرىلەر مەزكۇر پىلاننىڭ 3 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر مەزكۇر پىلان 3 يىلدا ھازىرلانغان بولسا بۇ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئالدىدا باشلانغان بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئىلىغا كەڭ كۆلەملىك يۈرۈش قىلىشقا باشلىغانلىقى ۋە مەزكۇر پىلان «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدىغانلار بار. بۇ قاراشتىكى زاتلارنىڭ بىرى قەھرىمان غوجامبەردىدۇر.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنى كېڭەيتىش پىلانى رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىن سەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىرىش دارامىتى 131 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 2.12 پىرسەنت كۆپىيىشى كۆزلۈنۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ 2020-يىلى 420 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.