5-ئىيۇل ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدىكى بىرقىسىم يېڭى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى

2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشقا قاتناشقان دېگەن باھانىدە قولغا ئېلىنغانلىقى ھەم جازالانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.04.19
urumchi-basturush-5-iyul-305.jpg ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرگەن قوراللىق ئەسكەرلەر. 2011-يىلى ئىيۇل.
RFA

يېقىندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ھەم بوشۈن قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 36 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ نامايىشقا قاتناشقان دېگەن باھانىدە قولغا ئېلىنغانلىقى ھەم ۋەقەدىن كېيىن شۇ مەكتەپتىكى بىر نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە قارشى چىققان دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ جازالانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بېرىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يېقىندا چەتئەلگە چىققان، ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە ئۆزلىرى بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى.

17-، 18-ئاپرېل كۈنلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ۋەتىنىم قاتارلىق تور بېكەتلىرى ھەم خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكىتىدىن بوشۈن قاتارلىقلاردا «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 36 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى، جىنايىتى بېكىتىلمىگەچكە، ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەكتەپنىڭ قايتا تەربىيە قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى مەكتەپتىكى خىتاي مىللىتىدىن بولغان مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ يى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ما شىنخۇڭ ۋە ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىن شىنچاڭ قاتارلىق خىتايلار «تېررورچى» دەپ ئەيىبلەپ، ئىككى كۈن ئايرىم ئۆيگە سولاپ، ئاچ قويۇپ جازالىغان. سولاپ قويۇلغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىنسانىي پەزىلەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر ۋاق بولسىمۇ نان بېرىشنى ئۆتۈنگەن مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئىلمىي مۇدىرى ماھىنۇر ئۆمەر دائىرىلەر تەرىپىدىن «تېررورچىلارغا ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە يان باستى» دېگەن گۇناھ بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسى بىكار قىلىنغان.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار قولغا ئېلىنغان. بولۇپمۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 17 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى نۇرۇل ئىسلامنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلۈشى ھەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن قولغا ئېلىنغان 36 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككى كۈن سولاپ قويۇلۇپ، ئاچ قويۇلۇش ۋەقەسى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە غۇلغۇلا قىلىنىپ، جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان.

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى سوراق قىلىشقا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەدىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىن بولۇپ، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىدىن نەچچە مىڭ كىشى قولغا ئېلىنغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئابلىمىت ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى ئەسلىدە ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ، تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىلدە كالتەك بىلەن ئۇرۇلۇپ، مېڭىسى زەخىملەنگەنلىكى ئۈچۈن، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، مېڭىسى توختىماي ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان. ئۇزۇن داۋالانغان بولسىمۇ، بۇ كېسەلنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلالمىغان. بۇ ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلاشقاچقا، 2010-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن. 2011-يىلىمۇ ئەينى ئەھۋال كۆرۈلگەن. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇشى سەۋەبىدىن، ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغان بۇ ئوقۇغۇچى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىغان.

ماقالىدىكى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى تۇرنىسا قاسىممۇ 5-ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، قىزى ئەقلىمە ۋە ھەدىلىرى بولۇپ ئائىلىسىدىكى 5 ئادەم بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى تۇرنىسا قاسىمنىڭ جىنايەت پاكىتىنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما، بۇ مەكتەپتىكى خىتايلارنىڭ بىرلىشىپ شىكايەت قىلىشى ۋە مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ يېنىڭ «تۇرنىسا قاسىم مائارىپ سېپىگە يوشۇرۇنغان مىللىي بۆلگۈنچى، ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشقا كۈشكۈرتكەن ئۇنسۇر» دەپ ساقچى تارماقلىرىغا دوكلات سۇنۇشى بىلەن، تۇرنىسا قاسىم شۇ يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا قايتا قولغا ئېلىنغان ۋە خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان. ئۇ تۈرمىدە ئېغىر جىسمانىي قىيناشنى، دەھشەتلىك خورلۇقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي تاغ(نەنشەن) دا تەسىس قىلغان مېڭە يۇيۇش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، «مائارىپ سېپىدىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە قەتئىي ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئالماسلىق» شەرتى بىلەن 2010-يىلى 4-ئايدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تۇرنىسا قاسىم خۇسۇسى شىركەتلەردە ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولغان.

ماقالىدە ئاپتور ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى خىتاي ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئۆچ ئېلىش شەكلىدە جازالىنىشىغا، 2004-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق مەكتەپ بەرپا قىلىش نامىدا، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن خىتاي مەكتەپلىرىنى قوشۇۋېتىش شامىلىدىن كېيىن، مەكتەپلەردە بارغانچە كۈچەيگەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك زىددىيەتنىڭ، سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.

«2004-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ خىتاي تىلىدىكى 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، مالىيە، كادىرلار ھوقۇقى ۋە باشقا قارار چىقىرىش سالاھىيىتىنىڭ ھەممىسى خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەزكۇر مەكتەپ ئۇيغۇرلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىشنى توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت ناھايىتى كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ زىددىيەت 2009-يىلى1-ئايدا يۈز بەرگەن شۇ مەكتەپتىكى خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ 6 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى دەرس ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويۇپ، «ئۇيغۇر دېگەن جىنايەتچى مىللەت»، «ئوغرى مىللەت»، «گازىرچى مىللەت» دېگەن سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن ۋەقە سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتى. ئەينى چاغدا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىنى خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن«مىللەتلەرنىڭ نام-ئابرۇيى ۋە شان-شەرىپىگە ھاقارەت قىلغانلارنىڭ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە بويىچە جازالاشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ ئوقۇتقۇچىغا قارىتا ھېچقانداق بىر جىنايى جازا قوللانماستىن، بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىنى باشقا مەكتەپكە يۆتكىۋېتىش ئارقىلىقلا مەسىلىنى بېسىقتۇرۇشى مەكتەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كۈچەيدى.»

ماقالىدىكى بايانلار ھەم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا بۇ ۋەقە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان. «مىللىي ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزگەنلەر جازالىنىدۇ» دېگەن تەشۋىقات ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلىگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرمەسلىكى مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى نارازى قىلغان بولسا، مەكتەپتىكى ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلساق ھەقلىق» دەپ بىلىدىغان بىر قىسىم خىتاي مىللەتچى ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ ۋەقەنى ئۆزلىرىگە زەربە دەپ قارىغان ھەم شۇندىن كېيىنكى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تۈرلۈك باھانىلەردە ئۆچ ئېلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرقى ئابزاسلىرىدا مەكتەپتىكى خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىغا دائىر باشقا پاكىتلارمۇ بايان قىلىنغان. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ نىڭ قاتارلىقلارنىڭ چېقىشى بىلەن، دائىرىلەر 2006-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن تارىخ ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ھەم تۈرك دۇنياسىغا تونۇلغان ئوقۇتقۇچى يۈسۈپجان ياسىننى، پانتۈركىزملىق جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلەپ، خىزمەتتىن قالدۇرغان. 2012-يىلى خىزمەت سىتاژى 20 يىلدىن 30 يىلغىچە بولغان، كەسپى ساھەسىدە يېتىلگەن داڭلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن :مەمەت ھەسەنجان، ھەبىبۇللا، ماينۇر سادىر، رەيھانەم كەنجى، ئەركىن رەھمىتۇللا، رىشات قاتارلىق 10 غا يېقىن ئوقۇتقۇچىنىڭ خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتەلمىدى دېگەن باھانىدە خىزمىتىدىن توختاتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.