خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ رايوندا قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلىق ماتېرىياللار، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى. 13-ئىيۇن كۈنى كېچىدە يۇتۇب قاتارلىق تور بېكەتلىرىگە يېڭىدىن قويۇلغان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن سىنئالغۇ ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ سىنئالغۇ جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىنئالغۇ لېنتىسىنى كۆرگۈچىلەر، ئۆزلىرىنىڭ بۇ سىنئالغۇ لېنتىسى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈپ، سىنئالغۇدا ئەكس ئەتكەن كۆرۈنۈشلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
گوللاندىيىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى، بۇ سىنئالغۇ لېنتىسىدا ئەكس ئەتكەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى كۈنلەردە، خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ 1997-يىلدىكى غۇلجا فېۋرال ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتۇشتا ئەينى ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەم قىيناشتا بۇنىڭدىنمۇ ۋەھشىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ سىنئالغۇنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا باستۇرۇشتا بۇ خىل قەبىھ ئۇسۇلنى قوللىنىپ قالماستىن، بەلكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ ئوخشاش باستۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«مانا بۇ كۆرۈنۈشلەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا باستۇرماقتا. ئالايلۇق، ھازىر گۇاڭدۇڭ ھەم خۇبېي ئۆلكىلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان پۇقرالارنىڭ نارازىلىق نامايىشنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا قانلىق باستۇرۇۋاتىدۇ. ئاڭلىشىمچە، ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىمۇ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ سىچۈەنلىك ئىشلەمچىلەرنى تۇتقۇن قىلىۋېتىپتۇ. كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ ساقچى ئەسكەرلىرى ئەمەلىيەتتە كىنىشكىسى بار لۈكچەكلەر، ئۇلارنىڭ پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلغان چاغدا قوللانغان قەبىھ ۋاسىتىلىرىنى باشقا دۆلەت ساقچىلىرى قوللانمىسا كېرەك. ئۇلار 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىمۇ ئوخشاش قەبىھ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ۋەقەگە قاتناشقانلارنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. شۇڭا مەن بۇ سىنئالغۇدىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىنىمدە ھەيران قالمىدىم.»
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ياۋروپاغا چىقىپ يەرلەشكەن بىر ئۇيغۇر خانىم ئۆزى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنلەردە قارىماي شەھىرىدە بولسىمۇ، ئەمما 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ سىنئالغۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن شۇ چاغدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گوللاندىيىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىرەيلەن، ئۆزىنىڭ بۇ سىنئالغۇ لېنتىسىدا ئەكس ئەتكەن كۆرۈنۈشلەردىكى كالتەك تۇتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا ھەمدەم بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى ئۈستىلەپ ئۇرۇشقا ئىنتىلگەن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن چاغدىكى تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى ئارقا تىرەك قىلىپ بۇ يەردىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئوخشاشلا ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەر ۋاقىت كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە يانتاياق بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۇ سىنئالغۇ لېنتىسىنىڭ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، 2 يىلدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارغا قوللانغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر يېڭى ئىسپاتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا ئائىت ئىسپاتلارنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ھەم ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى دۇنيادىن يوشۇرۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.