دەل مۇشۇ پەيىتتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرىپ مەلۇمات ئالدى. بولۇۋاتقان ۋەقەلەردىن كېيىن تۈركىيە خەلقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ بۇ مەسىلىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى مۇنازىرە قىلىۋاتقان ئىدى. كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن قىلغان سۆزىدە خىتايغا چاقىرىق قىلىپ، بۇ ۋەھشىلىكنى توختىتىڭلار دەپ، بۇنىڭغا پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىنلا، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي - تۈرك دوستلۇق جەمىئىيىتى ئەزالىقىدىن ئىستىپا قىلدى. بىز تۈركىيىدە ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن بۇ ۋەقەنىڭ تەرەققىياتلىرىنى سىلەرگە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا ئاڭلىتىمىز.
بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا خەلق مەيدانىدا بولغان ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ئۇيغۇر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
بۇ ئۇيغۇر، سۇنئىي ھەمراھ تېلېفونى ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلىۋىزىيە قاناللىرىغا سۆز قىلىپ ئۇ يەردىكى ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى. بىزمۇ بۇ ئۇيغۇر بىلەن ئالاقە قىلىپ 5 - ئىيۇلدىكى ئۇرۇمچى ۋەقەسى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.