دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى

مەشھۇر بىلىم ۋە ئۇچۇر تورى ۋىكىپېدىيادا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن ھازىرغا قەدەر 30 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرغان.

0:00 / 0:00

ۋەقەگە ئەڭ بالدۇر ئىنكاس قايتۇرغان ئورگانلاردىن بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدۇر. باش كاتىپ بان كىمۇن باياناتىدا ۋەقەدىكى ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان. بان كېمۇن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەريانىدا، پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىكىمۇ ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مەسئۇلى ناۋىي پىلاي بولسا، 5-ئىيۇل كۈنى يېرىم كۈن ئىچىدە شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان، بۇنىڭ بىلەن تەڭ خىتاينى تۇتقۇنلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشقا ۋە بۇ جەرياندا خەلقئارا ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 5-ئىيۇل كۈنى ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى بىگۇناھ ئىنسانلار دەپ ئاتىغان ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن؛ تەشكىلات باياناتىدا ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ۋە رايوندىكى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى خىتاينى ۋەقەدە ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللاندى دەپ ئەيىبلىگەن ھەم ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ياخشى ئېنىقلاشقا چاقىرغان.

ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەتلەردىن گېرمانىيە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. شۋېتسارىيە ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، خىتاينى ئىپادە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئاۋسترالىيە خىتاينى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە بۇ قېيىن ۋەزىيەتنى تىنچ بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈندىگەن. كانادا ھۆكۈمىتى «كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى دىئالوگ ۋە دۇرۇستلۇق» دەپ كۆرسىتىپ، خىتاينى تېخىمۇ چوڭ كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۈندىگەن. ئىتالىيە پرېزىدېنتى گىورگېيو ناپولىتانو خۇ جىنتاۋ بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات باياناتى بېرىۋاتقاندا، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتايدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئەمدى نۆۋەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

5-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاينى ئاشكارا قوللىغان دۆلەتلەردىن بىرى رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدۇر. رۇسىيە نامايىشچىلارنى بۆلگۈنچىلىك شوئارى بىلەن ئېتنىك ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلىگەن. سېربىيە ئۆزلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ھەرقانداق بىر تالاش-تارتىشنى تىنچلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان كۆچمەن ئېقىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋيېتنام، كامبودژا ۋە ئافغانىستان خىتاينىڭ 5-ئىيۇل كۈنى مۇۋاپىق تەدبىر قوللانغانلىقىنى بايان قىلغان؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. خىتايغا ئاكتىپ يان باسقان دۆلەتلەردىن بىرى پاكىستان. ئۇ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا پاكىستاندا يوشۇرۇنغان دەپ قارىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئامىللار بارلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى بۇزالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سېرلانكا ۋەقەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى دەپ ئاتىغان ۋە خىتاينىڭ ۋەقەنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاراللار دۆلىتى مىكرونوسىيە بولسا، 5-ئىيۇل نامايىشچىلىرىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن. بېلورۇسىيە رايوندا ئۆلگەنلەر ۋە كېلىپ چىققان زىيانغا ئېچىنغانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورماللىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

5-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاينى ئاشكارا قوللىغان بىردىن-بىر ياۋروپا دۆلىتى ئىسپانىيىدۇر. ئىسپانىيە 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىگەن. ياپونىيە ۋەزىيەتنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، سىنگاپور تەرەپلەرگە سالماقلىق ۋە دىئالوگنى تەشەببۇس قىلغان. تەيۋەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، ۋەقەدە زوراۋانلىققا كۈشكۈرتكۈچىلەرنى قاتتىق تەنقىدلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، كەڭ قورساق بولۇشقا ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋەقەدىكى ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئوباما ھۆكۈمىتىدىن ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ۋەقە ئۈستىدە تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى خىتاينى جازالاش تەدبىرلىرى ئۈستىدىمۇ ئويلىشىشقا چاقىرغان.

5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كەسكىن تەلەپپۇز ۋە ئەڭ قەتئىي مەيداندا قوللىغان دۆلەت تۈركىيىدۇر. تۈركىيە 5-ئىيۇلدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇشنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ ئېتنىك قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. تۈركىيە سودا-سانائەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈن تۈرك خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 5-ئىيۇل مەسىلىسىدە تۈركىيە ۋە دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

مەشھۇر خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاينى ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللاندى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە 5-ئىيۇل تۇتقۇنلىرىنى سوتلاشتا، خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.

يۇقىرىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن ھازىرغا قەدەر، دۇنيادىكى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيە ۋە مەيدانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.