ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مەزگىلىدە خىتايدا تەشۋىقات ساھەسى يەنە بىر قېتىم تازىلاندى

9-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋە 9-ئاينىڭ 5-كۈنى فرانكفۇرت ئالگېمايىن گېزىتى، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى ۋە خوڭكوڭنىڭ ئالما گېزىتىدە خىتاي ۋەزىيىتى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا 3-سېنتەبىر كۈنى «ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مەزگىلىدە خىتايدا تەشۋىقات ساھەسى تازىلاندى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئالدىنقى ھەپتىلەر خوڭكوڭدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن مەلۇمات بېرىلگەن. لى كېچياڭ خوڭكوڭغا كەلگەندە، خوڭكوڭنىڭ ساقچى شەھىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى، خوڭكوڭدا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسېرى قىسىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ پاراۋۇزى بولغان ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان خوڭكوڭلۇقلار ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسېرى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشىنىڭ خەلقنى غەزەپلەندۈرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لى كېچياڭ خوڭكوڭ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ياۋرۇ-ئاسىيا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ يەردىمۇ خوڭكوڭلۇق مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلغان، رەسىمگە تارتىۋېلىشقىمۇ قوشۇلمىغان.

ئالما گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 3-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى، يەنى ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنىڭ نامايىش ئۆتكۈزگىنىگە ئىككى يىل بولغان كۈن. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي ئاھالىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ساراسىملىرى تېخى تۈگىمىگەن بۇ مەزگىلدە، ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ھەربىي مۇھاپىزەت ۋەدىسى ئاستىدا بالىلىرىنى ئەمدىلا مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە مەجبۇرىي ئاپىرىشقا باشلىغان چاغدا «يىڭنە ۋەقەسى» دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي پۇقرالىرى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا نامايىش قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي قوغدىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە بۇ ۋەقەلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگە ئىككى يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋەھىمىسى ئۈرۈمچى ئاسمىنىغا كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى مىللەت ئارىسىدا پەيدا بولغان بۇ ئېغىر جاراھەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھېچقانداق ئۈنۈملۈك بىر تەدبىرگە مۇراجىئەت قىلمىغان.

ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك-ساداسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا زور رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرۇ-ئاسىيا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن بىر ئۇيغۇر «نۇرلۇق گېزىت» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭغا «شىنجاڭدىكى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتايلارنىڭ قولىدا. ئەتراپقا قاراپ باق، بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىرمۇ كىشىنى ئۇچرىتالمايسەن. ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىش ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ سۆزى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچراپلا قالماي، ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ يەكلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مەزگىلىدە نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرى تاقىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بەزى داڭلىق گېزىت-ژۇرناللىرىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قامال قىلىنغان. «شىنجىڭ باۋ»، «جىڭخۇا شىباۋ» قاتارلىق گېزىتلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغان. مەلۇمكى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئاساسلىق تور بەتلىرى ھەم بلوگلار بىردەك تاقىلىپلا قالماستىن، مىڭلىغان تور يازغۇچىلىرى قولغا ئېلىنغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا.

فرانكفۇرت ئالگېمايىن گېزىتىدە ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە، خىتاينىڭ يەنىلا مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئوتتۇرا قاتلام بۇرژۇئاز سىنىپىنىڭ قولىدىن كېلىشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنغان. 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسى پەقەتلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى بولغان بولسا، يېقىندىن بۇيانقى بەزى تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەشەببۇسلىرى خىتايدىكى ئوتتۇرا قاتلام بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ خىزمىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقان بۇ ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەر ئاساسەن سۈكۈت ئىچىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ئىنتېرنېتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى ئاشكارىلاشقا ۋە خەلقىنى ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيىلەشكە كۆڭۈل بۆلمىسە، خىتاينىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ قاباھەتلىك بولىدىكەن.